ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش ئەربابى بولۇپ سايلاندى
ۋاقتى : 2013-08-23 16:15:09  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

  زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى بولۇپ سايلاندى

 

 

 

  مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىىك «ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى» تاللاش بىلەت تاشلاش پائالىيىتى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بولۇپ، بۇيىلقى «26-ئىيۇن» خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يىتىپ كېلىش بىلەن، بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك «ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى» سايلاپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەتلىك «ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى» بولۇپ سايلاندى. بۇ زەھەرچەكلەش خىزمىتىنىڭ قىممەتلىك، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا زەھەر چېكىش ۋە زەھەر سېتىش قىلمىشىنىڭ ئالاھىدە مەۋجۇت ئەھۋالىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

   زاھىدە تۇرسۇن  شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدا ئىشلىگەن ئالتە يىلدىن بۇيان، يارپ تورىغا زەھەر بىلەن ئەيدىزگە   مۇناسىۋەتلىك كەسپى بىلىم، ساۋات-ئۇچۇرلارنى يىغىپ تەييارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەش، ھەر خىل كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش جەھەتلەردە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بولۇپ، ئىشلىگەننىڭ يۈزى يۇرۇق، ياخشى نىيەت يەردە قالماس قاتارلىق ماقال-تەمسىللەردە دېيىلگەندەك، زاھىدە تۇرسۇننىڭ ئەجرى جەمىيەت ھەم دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك «ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى» بولۇپ سايلىنىپ، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا شان-شەرەپلەر ئەكەلدى ھەم شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى.