ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرى يارپتا
ۋاقتى : 2011-06-11 17:14:29  مەنبەسى : شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش تورى  يوللىغۇچى : ئەرك

ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرى يارپ تورىدا

 2011-يىل 9- ئىيۇن ، چۈشتىن بۇرۇن يارپ زەھەر چەكلەش ،  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدا ،  شىنجاڭ يىجيۇ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش مەركىزىدىن قۇۋانتقان جاقان مۇئەللىم ‹‹ ھاياتنى قەدىرلەپ ئائىلىمىزنى قوغداش ›› ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى . لېكسىيەدە ئاساسلىق ئوت ئاپىتى دېگەن نېمە ؟ ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى؛ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ؛ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە نەق مەيداندىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىش ؛ ئوتتىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى  قاتارلىق جەھەتلەردە توختالدى .

  ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە ، 2010-يىلى دۆلىتىمىزدە جەمئىي 110مىڭ قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ، 1123 ئادەم ئۆلگەن ، ئىقتىسادىي زىيان 12 مىلياردتىن ئاشقان .

  ئۇنىڭدىن باشقا ، دۆلىتىمىزدە ھەر كۈنى يۈز بېرىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ 15 قېتىملىقى تاماكا قالدۇقىغا ئوت كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن؛ يەر شارىدا ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى، پارىژ، نيۇيورك ۋە بېيجىڭغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشى بىلەن باراۋەر بولىدىكەن.

   ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە بىرلەشتۈرۈلۈپ سۆزلەنگەن بۇ قېتىملىق لېكسىيە ئارقىلىق ، بېكەت خادىملىرى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش ، 119 غا ئەھۋال مەلۇم قىلغاندا نەق مەيدان ئۇچۇرىنى تېز ۋە توغرا يەتكۈزۈش ، ئوتنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى توغرا ئىشلىتىش ، ئوت كەتكەن نەق مەيداندىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىخەتەر قۇتۇلۇپ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ساۋاتقا ئىگە بولدى ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .  

 

 قۇۋانتقان جاقان مۇئەللىم گاز ۋە ئىس ـ تۈتەكلەردىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماسكىسىنى تونۇشتۇرماقتا

 
بىرقەدەر ئومۇملاشقان ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرماقتا
مۇئەللىم يېڭى تىپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرماقتا

بىنا مەسئۇللىرى بىلەن بىنانىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە