ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
دىلشات ياقۇپ  بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى
ۋاقتى : 2012-12-28 11:20:23  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

ئەسسالامۇئەلەيكوم يارپ تورىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى! بىز بۈگۈن يەنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يارپ تورىدا ئەيدىز توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان فىلىمنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ھالدا سۈرەتكە ئېلىپ چىقتۇق.
      مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تورداشلارغا يۇرتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ كۆپىيىش  ئەھۋالى توغرىسىدا سۇئال  قۇيۇش تېمىسىنى چىقارغان ئىدۇق، ئەنە شۇ سۇئاللاردىن تاللاپ-رەتلەنگەنلىرىنى ئۆزىمىز تەييارلىغان سۇئاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندى بىلەن مول مەزمۇنلۇق ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، سۆھبەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى. سۆھبەتتە  رەھبەر ھەم فراپپىسسور، ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى دىلشات ياقۇپ ئەپەندى رايۇنىمىزدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردىكى   نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇر-خەۋەرلەرنى، قىممەتلىك بىلىم-ساۋاتلارنى تورداشلارغا، خەلقىمىزگە يەتكۈزدى. يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ "12-بەش يىللىق" پىلان مەزگىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ناھايىتى ئەمىلىي بولغان، ئەل-يۇرتقا نەپ يەتكۈزىدىغان چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
     شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىمىزنىڭ ئەيدىز توغرىسىدا ئىشلىگەن تۇنجى  سۆھبەت فىلىمىمىزنى روياپقا چىقىرىشنى ئاكتىپ قوللىغان، قىزغىنلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلغان  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك خىزمەت پۇزىتسىيىسى ۋە ئالىجاناپلارچە روھىغا تورىمىز ھەم تورداشلار نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمىز.