ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
يارپ تورى زىيارىتى   ـــــ  شىنجاڭ گىزىتىدىن
ۋاقتى : 2012-01-10 16:37:13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : 亚普禁毒网

 

   شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدا...

 

2011-يىلى2-دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ شىنجاڭ يارپ  زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا كېلىپ، بۇ تورنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ يارپ تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئوبراز ۋەكىلى ئەخمەت قۇرباننىڭ تور بېكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، زەھەر چەكلەش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ تور بېكەتكە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېمىسىدىكى تۇنجى تور بېكەت.تور بېكەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن زەھەر چەكلەش توربېكىتى دوستانە ئۇلىنىشنى تەلەپ قىلدى، ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ كۆچۈرۈپ تارقاتتى.يارپ تورى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تىلىدىكى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندى.

ئەخمەت قۇربان مۇنداق دېدى: زەھەر ۋاباغا ئوخشاش دۇنيادا يامراۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياش-ئۆسمۈر زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى.ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر، جەمئىيتىمىزدە ئىشنىڭ ماھىيتىنى بىلمەي، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقانلار نۇرغۇن، ھازىر گەرچە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى يەنىلا تۆۋەن.شۇڭا بىز جانلىق ۋاستىلەر بىلەن زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشىمىز، بۇ كۈرەشنى بوشاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك.

يارپ توربېكىتى تورداشلارنى ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەرلىك بۇيۇملار توغرىسىدىكى ھەرخىل بىلىملەردىن خەۋەرلەندۈرۈپلا قالماي، تورداشلارنىڭ زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە قاتنىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، توردا «زەھەر چەكلەش بىلىملىرى مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى» ئۇيۇشتۇردى. مەكتەپلەرگە بېرىپ، 50مەيدانغا يېقىن زەھەر چەكلەش توغرىسىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىنى بېيىتتى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە 1500 گە يېقىن زەھەر چەكلەش پىدائىيسىنى تەربىيلىدى. يارپ توربېكىتىدىكى خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، تورنىڭ زىيارەت قىلىنىش سانىمۇ تېز ئاشتى.

ئەخمەت قۇربان مۇنداق دېدى: بىز زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى توغرا چۈشىنىشىمىز، ئۇلارغا باشقىچە نەزەردە قارىماسلىقىمىز، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم.مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىش ۋە زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش-داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش. مەن تېخىمۇ كۆپ پىدائىينىڭ بىزنىڭ تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىمىزگە قاتنىشىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى(2011-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى)