ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
جانلىق دەرسى، ھەقىقىي سەپەرۋەرلىك
ۋاقتى : 2008-11-25 12:36:57  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : لالە

   2007-يىل9-ئاينىڭ 22-كۈنى چۇشتىن بۇرۇن 10دا شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا "زەھەرگە قارشى تۇرۇپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى ياش-ئۆسمۈرلەردىن باشلايلى!"دېگەن تېمىدىكى لېكىسيە پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى.بۇ پائالىيەتكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى كىيگەن 500دىن ئارتۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سىنىپ تەربىيىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان 20گە يىقىن ئوقۇتقۇچىلار قاتناشتى. شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدىن زاھىدە تۇرسۇن لېكسىيە سۆزلىدى .

   بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە يەنە ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ رەھبەرلىرى ،سەھىيە نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى ،ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزگە كۆڭۈل بۆلۈش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە تېلېۋىزىيە ئىستانسى ۋە گېزىتخانىلارنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى .بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماينۇر مۇئەللىم رىياسەتچىلىك قىلدى. 2005-2006-يىللىق مەملىكەتلىك خەلق ئىچىدىن چىققان ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى ئەخمەت قۇربان بۇ لېكسىيەگە قاتنىشىپ سۆز قىلدى.ئەخمەت قۇربان لېكسىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇپ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئۆز ئۇسلۇبى بويىچە كەڭ كۆلەمدە زەھەرگە قارشى تۇرۇپ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلىڭلار دەپ ئىلھاملاندۇردى. لىكسىيەدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار شاد-خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا "پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ،زەھەرگە قارشى تۇرۇپ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالايلى !"دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىمزا قويۇش رەختىگە بەس-بەستە ئىمزا قويۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن زەھەرگە قارشى تۇرۇپ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرىشىگە بولغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.