ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئوتتوراتېخنىكوم مەكتىپىدە 8-قېتىملىق زەھەرگە قارشى تۇرۇپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى
ۋاقتى : 2008-11-25 12:33:43  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : لالە

   2007-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى 17:00) ،شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى شىنجاڭ سەنئەت مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكۇمدا 8-قېتىملىق زەھەرگە قارشى تۇرۇپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئېلىپ باردى،پائالىيەتكە 600 نەپەردىن ئارتۇق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار،ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوسمان مۇئەللىم ۋە ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ يىتەكچى مۇئەللىملىرى شىنجاڭ سەنئەت مەكتەپ ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىپىنىڭ چوڭ يىغىن زالىدا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىگە قاتناشتى .لىكسىينى شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنش تورىنىڭ مۇدىرى زاھىدە تۇرسۇن مۇئەللىم سۆزلىدى.

   شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدىن زاھىدە تۇرسۇن مۇئەللىم شىنجاڭدىكى زەھەر چىكىش ئەھۋالى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەھۋالىنى،زەھەر ۋە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى ئاساسى بىلىملەر،زەھەر ۋە ئەيدىزكېسىلىنىڭ ئائىلە،جەمئىيەتكە نىسبەتەن خەتىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. مەملىكەتلىك ئون چوڭ خەلق ئىچىدىن چىققان زەھەر چەكلەش ئەربابى ئەخمەت قۇربان ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى زەھەر ۋە ئەيدىز كېسلى توغرىسىدىكى كەسىپى تەجربىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شىنجاڭ يارىپ زەھەرچەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرگە،ئەيدىزگە بولغان تۇنۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا جەھەتتە ياردەم قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ بىر قېتىملىق پائالىيەتتە 6000 يۈەن قىممىتىدىكى پىسىخىكىلىق تەكشۈرۈش ئىتبار كارتىسى تارقىتىپ بەردى.(بىر كارتىنىڭ قىممىى 100يۈەن بۇلۇپ جەمىئى 60 دانە).ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىز بىلىملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىىنىشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تور ئادىرسىنى تارقىتىپ بەردى. لىكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىق بىلەن زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پىدائىيلىرى بولۇشقا بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇرۇپ،زەھەرگە قارشى تۇرۇپ،ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.