ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  جەمئىيەت مەدەنىيىتى
جەمئىيەت مەدەنىيىتى
پىڭ لېيۇەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىدە
ۋاقتى : 2016-09-07 18:04:03  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : يارپ
پىڭ لېيۇەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى خانىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىدە
 


دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىغا كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرى بىلەن بىلەن بىرگە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەشۋىقاتى پائالىيىتىگە قاتناشتى

 

 


     پېڭ لىيۈەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ خانىمى ئامىنە قاتارلىق 20 دۆلەت باشلىقلىرى خاڭجۇ يىغىنىغا كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ خانىملىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئائىت تەشۋىقات فىلىمىنى كۆردى، مەكتەپتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسى تېما قىلىنغان «قىزىل لېنتىنىڭ ھېكايىسى» دېگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى، پىيانىنودا ئورۇنلانغان يېقىملىق «مۇھەببەت» كۈيى «سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش» تەك باش تېمىنى ئىپادىلەپ، يىغىن ئەھلىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى...

 



ئاخىرىدا، پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويۇش تېمىغا قىزىل لېنتا ئېسىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىدەك ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى بىلدۈرۈشتى.

 



ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا كۆرە، پۈتۈن دۇنيادىكى 3 مىليون 900 مىڭ نەپەر يېشى 24-15 ياشقىچە بولغان ياش يۇقۇمدارلار ئىچىدە 670 مىڭ نەپىرى 2015-يىلى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. 2030-يىلىغا بارغاندا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئەللەر 2020-يىلىدىن بۇرۇن %90 ياشنى ئۆزىنى ئەيدىزدىن مۇداپىئە قىلىش ماھارىتى ۋە بىلىملىرىگە ئىگە قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.