ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  جەمئىيەت مەدەنىيىتى
جەمئىيەت مەدەنىيىتى
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بالىلارغا بايرام ئۆتكۈزۈپ بەردى
ۋاقتى : 2016-06-13 11:04:02  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بالىلارغا بايرام ئۆتكۈزۈپ بەردى



بالىلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. شۇڭا، بارلىق بالىلارنىڭ ساغلام، خوشال، بەختلىك چوڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ياخشى بولغان ئائىلە، جەمئىيەت ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىش نىشانىدۇر.
2016-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ غەربىي يۇرت قۇياش نۇرى زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لىنىڭ يېتەكچىلىگىدە قۇياش نۇرى ئائىلىسى تەشكىللىگەن بالىلار سانجىدا بىر كۈنلۈك كۆڭۈللۈك پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ھەر بىر بالىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى.

بۈگۈنكى پائالىيەتنى شىنجاڭ غەربىي يۇرت قۇياش نۇرى زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھرى بۇلاقتاغ رايونلۇق قىزىل كۈنلۈك مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش سېپىدىكى بۇ ئىككى ئورۇن بىرلىكتە ئەھمىيەتلىك ئىجتىمائىي پائالىيەت تەشكىللىگەن ئىدى.
بالىلارغا شاتلىققا تولغان ھەم ئەھمىيەتلىك بولغان بايرام ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ غەربىي يۇرت قۇياش نۇرى زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى بۇلاقتاغ رايونلۇق قىزىل كۈنلۈك مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بالىلارنى ئۈرۈمچىدىن مەخسۇس ماشىنا بىلەن سانجى شەھرىدىكى دىنوزاۋر موزىيىغا ئېكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇردى. بالىلار ھەر خىل دىنوزاۋر لارنىڭ مودىل ھەم تاشقاتما ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولۇشتى. مەخسۇس بالىلاردىن تەشكىل تاپقان چۈشەندۈرگۈچى بالىلارنىڭ بالىلارغا خاس چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن، يىگىرمە نەچچە بالىلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ بالىلار توپى دىنوزاۋر لارنىڭ تارىخىدىن خەۋەر تېپىپ يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولۇشتى. ھەر بىر بالىغا يارىشىملىق ئوقۇغۇچىلار سومكىسى سوۋغا قىلىندى،

چۈشتە، بالىلار سانجى شەھرىدىكى چاھارباغ رىستۇرانىدا بىلەن مېھمان قىلىندى ، ئۇلارنىڭ ئوخشىغان كاۋاپ، پولولاردىن ئېغىز تىگىپ،چىرايلىق سومكىلارنى ئاسقاندىكى چېھرىدىكى خوشاللىق تەبەسسۇمى خۇددى قۇياش نۇرىدەك پارقىراپ تۇراتتى.
بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا، تۇغما ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان بالىلارمۇ بار بولۇپ، چوڭى 15 ياشقا، كىچىكى ئەمدى 6 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئاشۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلار بۈگۈن باشقا بالىلار بىلەن كۆڭۈللۈك بايرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇنتۇلغۇسىز خوشاللىققا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا، شىنجاڭ غەربىي يۇرت قۇياش نۇرى زەھەر تاشلىتىىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لى مۇنداق دېدى: بىز بۇ بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى، سۆيگۈ ئاتا قىلىشنى بۇندىن كىيىن قەرەلسىز ھالدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ تۇرىمىز.
بالىلارغا بولغان مۇشۇنداق غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تېخىمۇ كېڭەيسۇن، تېخىمۇ يىراقلارغا تارقالسۇن ئەبەدى داۋاملاشسۇن!