ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
مىللى كارخانىچىلىق ھەققىدە پاراڭلار
ۋاقتى : 2013-05-25 12:08:52  مەنبەسى : باغداش تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

 

 مىللى كارخانىچىلىق ھەققىدە سەرلەۋھەسىز پاراڭلار


◆كارخانا باشقۇرۇش جەريانىدىكى مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى
نۇرغۇنلىغان مىللى كارخانىچىلىقتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئورتاق باش ئاغىرىقى ئىقتىساسلىقلار مەسىلىسى بولسا كېرەك.ئىقتىساس ئىگىلىرى بولمىغان ئىكەن باشقا مىللەت ئىقتىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىغان گەپ،(ئۈرۈمچىدىكى چوڭ مىللى كارخانىلارىنىڭ يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خەنزۇ يۇلداشلار)بۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچى (بىرمىللەت) بىلەن خىزمەتچى(يەنە بىر مىللەت) ئۇتتۇرسىدا كىلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس.  بۇ جەرياندا كۆرىلىدىغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى ئىككى خىل مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ تەپەككۈر شەكلىنىڭ يەنى مەسىلىلەرنى ئويلاش ئوسولىنىڭ ئۇخشاش بولماسلىقىدىن كىلىپ چىققان مەسىلىلەر بۇلۇپ،بۇنى مەن مىللى كارخانا باشقۇرۇش جەريانىدىكى‹ مەدەنىيەتلەر تۇقۇنۇشى› دەپ ئاتىدىم.ئەسلىدىنلا كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتىكى خاس نەزىرىيە ئاساسى بولمىغان مىللى كارخانىلىرىمىز باشقىلارنىڭ نەزىرىيىسىگە تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ.ھالبۇكى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
1.باشقۇرۇشتا مىللەتنىڭ خاراكتىرىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
خەنزۇ يولداشلارنىڭ خىزمەت خاراكتىرى ئىتائەتمەن،خىزمەت ئىزچىللىق روھى كۈچلۈك بۇلۇپ يۇقىرى –تۈۋەن مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت خاراكتىرى بولسا قايناق ھىسىياتلىق ،يىڭىلىققا ئىنتىلىدىغان،تىز ئۈنۈم قۇغلىشىدىغان،قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،كەسكىنلىكنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ،مۇناسىۋەتكە ئەمەس نەتىجىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
2.تەنقىد-تەربىيەنىڭ ئوسولىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئۇيغۇرلار تەنقىد-تەربىيەنىڭ ئۇبىكتىغا قاراپ تەنقىد-تەربىيەنىڭ ئوسولىنى تاللايدۇ.ئەر-ئايال،قېرى-ياش دىگەندەك...بىر ئايال باشلىق بىر ئەر خىزمەتچىنى تەنقىد قىلغاندا ئۇنىڭ غورورىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ.ئۇخشاشلا بىر ئەر باشلىق بىر ئايال خىزمەتچىنى تەنقىد قىلغاندا ئۇنىڭ ئىززىتىگە تىگىپ قۇيۇشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ.........

◆مىللى كارخانىلاردا كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندىمۇ؟
ئۇنداقتا بىز كارخانا مەدەنىيىتى دىگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىپ باقايلى:
كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ئىنسانلار تارىخى ئەمەلىيەت جەريانىدا ياراتقان ماددىي بايلىق ۋە روھى بايلىقنىڭ يىغىندىسى؛ تار مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت جەمئىيەتنىڭ ئاڭ ھالىتى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە تۈزۈمدۇر.
كارخانا مەدەنىيىتىدە، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى ئامىللار بولىدۇ.
بىرىنچى، كارخانا مەدەنىيىتى بىر كارخانىنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات ئۇسلۇبىنى ئىپادىلەيدۇ. بازار رىقابىتىدە نۇرغۇن كارخانا بىرلىكتە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر بىر كارخانىنىڭ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، تەرەققىيات جەريانى بولىدۇ. ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھەر بىر كارخانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك شەكىللىنىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى كۆپىنچە بىر كارخانىنىڭ باشقا كارخانىلارغا ئوخشاشمايدىغان ئۆزگىچىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كارخانىلارنىڭ بازار مۇھىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ شۇ كارخانىلارغا بولغان خاس تەسىراتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تەسىرات، ئادەتتە، كىشىلەر قەلبىدىكى مۇئەييەن ئوبراز ياكى بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئومۇمەن، ساغلام ۋە سىجىل تەرەققىي قىلالىغان كارخانىلار ئۆزگىچە تەرەققىيات ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
ئىككىنچى، كارخانا قۇرغۇچىنىڭ ئىدىيەسى كارخانا مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم يېتەكچى ئامىلدۇر. ھەر قانداق كارخانا قۇرغۇچى مۇئەييەن بىر ئىدىيە ئاساسىدا ئىش تۇتىدۇ، شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلەش، شىركەت قۇرۇش، كارخانىچىلىق يولىغا مېڭىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ كارخانىسىغا ياكى خادىملىرىغا مۇئەييەن بىر ئاڭ فورماتسىيەسىنى ياكى ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشنى ئويلايدۇ. تەرەققىي قىلغان كۆپىنچە كارخانىدا، ئومۇمەن، كارخانىچىنىڭ كارخانىنى قانداق ماڭغۇزۇش جەھەتتىكى ئىدىيەسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇڭا كارخانىچىنىڭ ئىدىيەسى كارخانا تەرەققىياتىغا ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، كارخانا مەدەنىيىتى نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولىدۇ. ھەر قانداق كارخانا مۇئەييەن بىر رايوندا ياكى مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئېڭى، تىجارەت مەزمۇنى ۋە تىجارەت قارارلىرىغا شۇ رايوننىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاراشلىرى، جەمئىيەتتە شەكىللەنگەن يېڭى ئادەت – يوسۇنلىرى، ئىدىيە ئېقىملىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. جەمئىيەت مۇھىتى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى تاشقى ئارقا كۆرۈنۈش، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىقتىسادىي پائالىيەت جەمئىيەتنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە قاتلىمىدا ئىستېمالچىلارغا يۇزلىنىدىغان بولغاچقا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ جەمئىيەت مېخانىزمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.
مىنىڭچە ھازىرقى مىللى كارخانىلاردا ھەقىقى مەنىدىكى كارخانا مەدەنىيىتى تىخى شەكىللەنمىدى.مىللى كارخانىلار نۈۋەتتە باشلىنىش ،ئۆگىنىش ۋەتەرەققىيات ھالىتىدە بۇلۇپ ، مىللى كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى لۇشۇن ئەپەندى ئىيتقان ‹ئەكىلىشپەرۋەرلىك›ھالىتىدە دىسەك مۇبالىغە بولمايدۇ.لىكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتقاندا يەنىلا ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە مەبلەغ سىلىش مىللى كارخانىلارنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر يولىدۇر.

◆پۇل ۋە يول تىپىشتا مىللى كارخانا ياخشىمۇ ياكى خەنزۇ كارخانىلىرى ياخشىمۇ؟
مەن پات-پات ئاڭلاپ قالىدىغان گەپلەرنىڭ بىرى خەنزۇ كارخانىلىرىنىڭ مۇئاشى يۇقىرى،پاراۋانلىقى ۋە دەم ئىلىشى ياخشى دەيدىغان گەپلەر.ئەمەلىيەتتە بۇ گەپلەرنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.
ئىچكىرىدىكى ئۇقۇشۇمىزنى تاماملاپ راسا خىزمەت ئىزدەش باسقۇچىغا كىرگەندە ،ياتاقتىكى ساۋاقداشلىرىمىنىڭ(بىر ياتاقتا ئالتە ئادەم،مەن يالغۇز بىر ئۇيغۇر ئىدىم) كۆندە دىيىشىدىغان گەپلىرىنىڭ بىرىسى قانداق قىلىپ بىرەر چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىنىڭ خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئىدى.سىنىپتىكى بىرەرى چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىنىىڭ تەكلىپ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋىلىشى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يىرىم مۇۋاپىقىيەتكە باراۋەر ئىدى. ئۇلارنىڭ دەيدىغىنىمۇ ئۇخشاش مۇئاشى يۇقىرى،پاراۋانلىقى ۋە دەم ئىلىشى ياخشى،ئادىمىيلىككە ئىتىبار بېرىدۇ دىگەندەك گەپلەر ئىدى.
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئىنكاسنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تەھلىلى قىلىپ‹ پۇل ۋە يول تىپىشتا مىللى كارخانا ياخشىمۇ ياكى خەنزۇ كارخانىلىرى ياخشىمۇ؟ ›دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ،جۇڭگۇ كارخانىلىرىنىڭ ۋە مىللى كارخانىلارنىڭ تىجارەت تارىخى،ئەمەلى كۆچى،نەزىرىيە تەتقىقاتىدىكى نەتىجىسى ،كارخانىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئورنى،دۆلەتنىڭ ۋە خەلىقنىڭ قۇللاش دەرىجىسى قاتارلىق ئومۇمىي ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ.
ئامىركىنىڭ يىڭى تىپتىكى بىر يادرو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ نامى ‹كارخانا› ،جۇڭگۇدا يۇز يىللىق ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بۇلۇش چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىنىڭ ئىپادىسى بولغان تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ نامى‹لىياۋنىڭ›.تەرەققى قىلغان ياۋرۇپا-ئامىرىكا كارخانىلىرىنىڭ يىللىق ساپ پايدىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇئاشىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 50پىرسەنىت ،جۇڭگۇ كارخانىلىرىنىڭ بولسا19پىرسەنىت ئەتىراپىدا،مىللى كارخانىلارنىڭ بولسا19پىرسەنىتكىمۇ يەتمەيدۇ.
بۇ نۇقۇل ھالدىكى كارخانا خۇجايىنىنىڭ پىخسىقلىقىدىن بولغان مەسىلە ئەمەس.
ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت،تىخنىكا،بازار،ئىقتىساسلىقلار ئامىلى،دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ قوللاش دەرىجىسى قاتارلىقلار دىن سىرىت كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە ئۆزىگە خاس يولنى تىپىپ خىزمەتچى خادىملارنىڭ سەۋىيەسىنى ئەڭ يوقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقاندىلا مىللى كارخانىلار ھاياتى كۆچكە تولىدۇ.مىللىيلاردا ئىقتىساسلىقلار كەم ئەمەس،تىخى يەنە نۇرغۇنلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.ئۇلارغا كېرىكى يۈرەككە ياقىدىغان ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ،ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئەينەن كۆچۈرىۋالغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەمەس.مىللى كارخانىلار يۇقارقىدەك شەرىتلەرنى ھازىرلىغاندىلا نۇرغۇنلىغان مىلىيونىرلارنى بارلىققا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

◆خۇجايىننىڭ كارخانىچىغا ئايلىنىشى
ئۇرتاق بىر قاراش باركى كارخانا چوڭايسا خۇجايىن كارخانىچىغا ئايلىنىدۇ.ئۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كارخانىسى چوڭىيىپ مەلۇم كۆلەمگە يەتسىمۇنىمە ئۈچۈن خەقنىڭ ھۈرمىتىگە ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ؟
مەيلى سودا-سىتىق بىلەن شۇغۇللانسۇن ياكى كارخانا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسۇن،پۇل تىپىش بولسا ئاساسى نىشان.بۇنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىك پەرقى يوق.بىراق كارخانا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانكەنسىز چۇقۇم باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىشىڭىز كېرەك.ئۆز پايدىڭىزنىلا كۆزلىسىڭىز،خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسىدىن ئۆزىڭىزلا مەنپەئەتلەنسىڭىز، سىز مەڭگۈ بىر كارخانىچىغا ئايلىنالمايسىز،كارخانىڭىزمۇ چوڭىيالمايدۇ ۋە كۈچلىنەلمەيدۇ.
كارخانىچىلارداچوڭ غايە بولىدۇ.
چوڭ غايە بولغاندىلا چوڭ مەسئۇلىيەت بۇلىدۇ.چوڭ مەسئۇلىيەت بولغاندىلا چوڭ ئەقىل-پاراسەت بولىدۇ.چوڭ ئەقىل-پاراسەت بولغاندىلا ھەقىقى كارخانىچىغا ئايلانغىلى بولىدۇ.
سودىگەر بىلەن كارخانىچىنىڭ ئىش قىلىش ئوسولى ئۇخشىمايدۇ.
سودىگەرنىڭ قىلىدىغىنى نۇقۇل ھالدىكى يەككە شەخسنىڭ پۇل تىپىش پائالىيىتى بۇلۇپ،ئەرزان سىتىۋىلىپ قىممىتىگە سىتىش ،پۇرسەتنى تۇتۇش،باھا پەرقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش ......قاتارلىقلار.
كارخانىچىنىڭ قىلىدىغىنى بولسا پۇتكۈل بىر سىستىما قۇرۇلۇشى بۇلۇپ ،بۇ سىستىمىنى قانداق قىلىپ نورمال ماڭغۇزۇش ئۈچۈن،سىتىراتىگىيە،كۇللىكتىپ،باشقۇرۇش ،تۈزۈم قاتارلىق ئامىللارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇرتاق ئۈنۈم يارىتىش.
نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر دەسلەپكى مەزگىلدە يۇقىرى-تۈۋەن مۇناسىۋەتكە تايىنىش،خۇجايىننىڭ چىچەن-قابىللىقى،خىزمەتچىلەرنىڭ جان تىكىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ لىكىن بىر ئىزدىن ئاشالماسلىق تۇرغۇن ھالىتى شەكىللىنىپ تەرەققى قىلالمايدۇ؟ بۇيەردىكى تۈپكى سەۋەپ دەل كارخانىچىنىڭ ئىش قىلىش ئوسولىدا ماڭماي، سودىگەرنىڭ ئىش قىلىش ئوسولىدا ماڭغانلىقدا.
مىللى كارخانا دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەكمۇ كەڭ دائىرىلىك ،نۈۋەتتە جىددى بۇلىۋاتقىنى مىللى كارخانىلار بۇيىچە كارخانا نەزىرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلىرىمىزدۇر .كارخانىچىلىرىمىز ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكىمىزگە ماسلاشقان كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تىپىپ چىققاندىلا ئاندىن ھەقىقى مەنىدىكى تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

پايدىلانغان ماقالىلار: ئابدۇۋەلى مەخپۇللا: كارخانا مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى
مايۈن  : CEO لىقتىن ئىستىپا بېرىش نۇتۇقى