ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
مىللى سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ ئىستىمال قارىشى
ۋاقتى : 2013-05-25 12:25:11  مەنبەسى : شىنجاڭ ئۈنۋېرستىتى ئىلىمىي ژورنىلى  يوللىغۇچى : مەقسەت
 ئىستىمال  ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، مەدەنىيەت تۇرمۇشنى جەمئىيەت تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ساھە بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ساھاسىدە ئالماشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم يولىدۇر. ستودېنتلار ئالاھىدە بولغان ئىستىمال كوللىكتىپى بولۇپ، ئۇمۇمىي جەمئىيەت ئىستىمالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىستىمال قارشىنىڭ ئىلمىي-ئىلمىي بولماسلىقى، توغرا ياكى خاتا بولۇشى سىتودېنتلارنىڭ قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.      ھازىرقى  ئىستىمال بازىرىدا ئستودېنتلار ئالاھىدە بولغان ئىستىمال كوللىكتىپى بولۇپ، جەمئىيەت ھەرساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگە ئايلانماقتا. چۈنكى ئۇلار ياش، ئالاھىدە كوللىكتىپ بولۇپ، ئۇلاردا جەمئىيەتنىڭ باشقا ئىستىمال كوللىكتىپىگە ئوخشمايدىغان ئىستىمال پىسخىكىسى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتى مەيدانغا كەلمەكتە.      بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا ئىستىمال تەلىپى كۈچىيۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېخى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولالمىغاچقا، ئىستىمالى زور چەكلىمىلىككە ئۇچرىماقتا. ئىستىمال قارشى ھالقىپ كېتىش بىلەن ئىستىمال كۈچىنىڭ ئارقىدا قېلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىستىمالىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئسىتودېنتلاردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىستىمال كوللىكىتپىنىڭ تەبىئىي تۈردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەيرى ئەقلى ئىستىمال مەسىلىلرىدىن خالىي بولالمايدۇ. مىللىي ئسىتودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستىمال ئەھۋالى سىتودېنتلارنىڭ رىئال ئىستىمال خاھىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىمال يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن،ئستودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ھالىتى ۋە قىممەت يۆنىلىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مىللىي سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىش،  ئسىتودېنتلارنىڭ ئىدىيۋى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنى ئېگەللەپ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشتا، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى نورمال قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.       ماقالىدە ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى 1000نەپەر مىللىي ئوقۇغۇچى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىپ، مىللىي سىتودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستىمال قارشى، ئىستمال ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئىستىمالدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇل ۋە يوللىرى كۆرسىتىلدى.
1مىللىي ئسىتۇدېنتلار ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
      تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى ئايلىق خىراجىتى 1000 يۈەندىن يۇقىرى ئسىتودېنتلار %10نى، 700~1000 يۈەنگىچىلەر %30 نى ، 500~700 يۈەنگىچىلەر %40 نى، 500 يۈەندىن تۆۋەندىكىلەر %20 نى ئېگەللىگەن. بۇلار ئارىسىدا %30 ئوقۇغۇچى شەخسى كومپىيوتىر ئىشلىتىدىكەن، %95 ئوقۇغۇچى قول تېلفۇن ئىشلىتىدىكەن. شۇڭلاشقا، تور ۋە ئالاقىلىشىشكە ئىشلەتكەن چىقىمى بۇرۇنقى ئسىتودېنتلارنىڭ شۇخىل ئىسىتمال چىقىمىدىن كۆپ بولغان. ھازىرىقى مىللىي سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1) تاماق خىراجىتى
      مەكتەپ ئىچىدە تاماقلىنىشتىن سىرت، مەكتەپ سىرتىدىكى ئاشىخانلاردا تاماقلىنىش سىتودېنتلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىستىمالىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان. %96  ستودېنتلار ھەرئايدا شەخسى ئاشخانلاردا ئوخشىمىغان قېتىم سانى بويىچە تاماقلانغان. سىتودېنتلار ئارا ھەرخىل شەكىلدىكى يېغىلىش، ئولتۇرۇشلار سىتودېنتلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئىسىتمالىدىكى مۇھىم نۇختىغا ئايلانغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەممە ئوقۇغۇچىلار دېگۈدەك ھەرمەۋسۇمدا 7~16 قېتىمغىچە ھەرخىل ئوقۇغۇچىلار يېغىلىشقان قاتنىشىدىكەن. بۇ خىل ئىستىمالغا ئاساسى جەھەتتىن ھەرمەۋسۈمدە 200~700 يۈنگىچە سەرپ بولىدىكەن. سىتودېنتلارنىڭ ھەرخىل يېغىلىشى ئادەتتە، ئادەتتىكى ئاشخانلاردا ئۆتكۈزىلىدىكەن، %3   ئوقۇغۇچىلار كاتتا رىستورانلاردا ئۆتكۈزىدىكەن. بۇخىل يېغىلىشلارنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ يۇرتداشلار تۇنۇشۇش، تەتىلدىن قايتىپ كېلىش، توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، ھەرخىل مۇكاپاتلانغانلارنى « يۇيۇش » قاتارلىقلاردىن ئىكەن.
2) كىيىم- كېچەك ئىستېمالى
         تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم- كېچەك ئىستىمالىنىڭ دەرىجىسى بارغانسىرى ئۆرلىمەكتە. ئوغۇللار مال سېتىۋالغاندا سۈپىتى ياخشى بولۇشنى ئويلايدىكەن. قىزلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەننى سېتىۋالىدىكەن، سېتىۋېلىپ ياخشى كۆرمىسە كېيمەيدىكەن. ياخشى كۆرمىسە كېيمەيدىكەن. ئسىتودېنتلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىم سېتىۋالغاندا بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسىتمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %70 ئستودېنت ئۆزلىرىنىڭ ئەل- ئاغىنە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزى كېيگەن داڭلىق ماركىغا نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %17 ى ناتۇش كىشىلەرنىڭ نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.  %4ى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزەر سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، %12ى ئۆز سۆيگۈسىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.  %3ى پەقەت نۇقۇل ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئويلايدىكەن. كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى داڭلىق ماركا تاللاش ئسىتودېنتلارنىڭ كشىلىك ئالاقىسىغا بەلگىلىك ياردىمى بولسىمۇ، ئۇلار بىلىم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە بولغاچقا ئاساسلىق تۇرمۇش مەنبەسى ئاتا-ئانىسىدىن كەلگەچكە ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن. %4 ئوقۇغۇچى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىنى ئىشلەتكىنىنى بىلىشنى ئويلايدىكەن.
3)مۇھەببەت ئىستېمالى
       تەكشۈرۈش گىرافىدىكى « سىز مۇھەببەت باغلىغانمۇ »، «ھەريىلى بۇنىڭ ئۈچۈن قانچلىك قانچىلىك پۇل خەجلەيسىز؟» دېگەن مەسىلىدە %80  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت باغلاش تارىخىنىڭ بارلىقىنى، ھەريىلى بۇنىڭ ئۈچۈن 300 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە پۇل خەجلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئسىتودېنتلارنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن قىلغان ئىستىمال ئاساسى جەھەتتىن پارچە يېمەكلىك يېيىش، بازار ئايلىنىش، تاماق يېيىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، « سوۋغا ئىستىمال » مۇھەببەت ئىستىمالىدىكى ئەڭ چوڭ خىراجەت ھېسابلىنىدىكەن. « ئاشق- مەشۇقلار بايرىمى »، « ئىككى ياشنىڭ توغۇلغان كۈنى » ۋە باشقا ئالاھىدە خاتىرە كۈنلىرىدە ئۆز- ئارا بېرىلدىغان سوۋغىلار 50يۈەندىن 1000 يۈنگىچە بولغان، بۇندىن باشقا سىرتتا تاماق يىيىشكىمۇ 200~400 يۈەنگىچە خىراجەت سەرپ قىلىدىكەن.
4)تورغا چىقىش ئىستېمالى
     تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ھەر ھەپتىدە تورغا چىقىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىت جەھەتتە  %12.7 ئوقۇغۇچى 3 سائەتتىن تۆۋەن، %20.9 ئوقۇغۇچى 3~7 سائەتكىچە، %30  ئوقۇغۇچى 8~10 سائەتكىچە، %9 ئوقۇغۇچى 10~20 سائەتكىچە،  %16.8 ئوقۇغۇچى 20 سائەتتىن يۇقىرى تورغا چىقىدىكەن. تورغا چىقىش مەزگىلى جەھەتتىن ئېيتقاندا %23.2  ئوقۇغۇچى كۈندۈزدە،  %33.9 ئوقۇغۇچى كەچتە،  %35.2 ئوقۇغۇچى ھەپتە ئاخىرلىرىدا،  % 7.7 ئوقۇغۇچى تاڭ ئاتقۇچە تورغا چىقىدىكەن. ئەگەر سائىتىگە 3يۈەندىن ھېسابلىغاندىمۇ تور ھەققى ئاز بولمىغان چىقىم ھېسابلىنىدۇ.
5)يانغۇن ئىستېمالى
      تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىىشچە،  %95 ئوقۇغۇچىنىڭ يانفۇنى بار بولۇپ. ئۇلار ئىشلەتكەن قولفۇننىڭ باھاسى 200 يۈەندىن 1700 يۈەنگىچە بولغان، ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 50 يۈەندىن 200 يۈنگىچە بولغان، ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 50 يۈەن ئەتراپىدا بولغانلىرى  %60 نى 100~150 يۈەنگىچە بولغانلىرى  %18نى، 150 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرى  %20 نى ئېگەللەيدىكەن.يۇقارقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىرقى سىتودېنتلارنىڭ تۇرۋاتقان دەۋرى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىستىمالىدا بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.     بىرىنچىدىن، ئىسىتمال خىراجىتى مەنبەسى تاق لېنىيەلىككە ئىگە.ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە مەكتەپ قوراسىنى پىلانلىق، تەرتىپلىك تۈزەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىلىمىز ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسى بىر قەدەر بېكىنمە بولغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇخىل تۈزۈلمە سىتودېنتلاردا تېخىمۇ كۆپ ماكان- زاماننىڭ كەم بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۇلاردا شارائىت، كۆپ زېھىن بولمىغاچقا مۇرەككەپ بولغان ئىجتىمائىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنالمايدۇ. ئۆزىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ ئوقۇشنى تاماملىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇخىل ئەھۋالدا ئائىلىسىنىڭ ياردىمى، قەرز ئېلىش ياكى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر  تەرەپتىن ئوقۇشتەك ئاز كىرىملىك مەنبەگە تايىنىدۇ.       ئىككىنچىدىن، ئەمەلىيلىك بىلەن تەجرىبىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن.تەتقىقاتچىلار ئسىتودېنتلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى تەكشۈرگەندە، سىتودېنتلار تۇرمۇش ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئاساسلىق مەزمۇنلار تەرتىپ بويىچە بىلىم، ئورۇن، دوستلۇق، مۇھەببەت، ئابروي، پۇل، ھوقۇق، ساغلاملىق، ئائىلە، كەسىپ قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار مۇئەييەن دەرىجىدە ئسىتودېنتلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنىڭ ئەمەلىياتچان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستىمالى روشەن بولغان تەجرىبىۋىلىكنى ئىسپاتلايدۇ.  بۇ تەجرىبىلەرنىڭ بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن، بەزىلىرى كوللىكتىپ ياكى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئىستىمال تەجرىبىسىدىن كەلگەن.        ئۈچىنچىدىن، سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىدىكى پەرىقچانلىق.سىتودېنتلار كوللىكتىپىدىكى ئىستىمالنىڭ پەرىقچانلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئەككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىر تەرەپتىن، ئسىتودېنت تۇرۋاتقان ئورۇننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ تەكشىسىزلىكى، ئىستىمال سەۋىيەسىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ياش قاتلىمى ۋە روھى ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ئىستىمالدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. مىللىي سىتۇدېنتلارنىڭ ئىستېمالىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرى
1) ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتېمالىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئسىتودېنتلار كوللىكتىۋىنىڭ ئىسىتمالى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئەقلىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق خاسلىق تەرەققىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلمەسلىكى، ئىجىتمائىي تەربىينىڭ كەملىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسىنىڭ تاق لېنىيەلىك بولۇشى سەۋەبىدىن ئىستىمال جەريانىدا ھەرتەرەپتىن كېلىدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىمال جەريانىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئىستىمال قارىشى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى ئىستىمال پىسخكىسى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتى. بۇ يەردە پەقەت ئىستىمال پىسخكىسى نۇختىسىدىن ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئەگىشىش ئىسىتمالى ۋە قارىغۇلارچە ئىسىتمال.بۇ ئىككى خىل ئىستىمال ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمالى جەريانىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەسىلە. كوللىكتىپ تەسىر ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا ئاسانلا ئەگىشىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قارىغۇلارچە ئىستىمال بولسا، ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا پىلاننىڭ كەم بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاسادىبى ئامىلنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئىستىمال ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى خىل ئىسىتمال ھاياجانلىنىش تىپىدىكى ئىستىمالغا مەنسۇپ بولىدۇ
.ئىككىنچىدىن، بەسلىشىش ۋە ھاياجانلىنىش تىپىدىكى ئىستىمال.   ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمالىدا ئەگىشىش پىسخىكىسى بولغانلىقتىن قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىش، ئابرويپەرەسلىك قىلىش جەريانىدا ھەمىشە بىر قىسىم سىتودېنتلاردا بەسلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقاندا، ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. بەسلىشىش ئىستىمالى ئسىتودېنتلار ئارىسىدا ئاساسلىقى كىيىم- كېچەك، ياسىنىش تەرەپلەردە بىر قەدەر گەۋدىلىك. ھاياجانلىنىش تىپىدىكى ئىستىمال بولسا، ئىستىمال بويۇملىرىنى سېتىۋېلىش، ئېگەللەشنى بىرخىل شاتلىق ھېسابلاپ، روھى ئوزۇقىنى ۋاستە قىلغان قىلغان بىردەملىك ھاياجانلىنىشتىن كېلىپ چېقىدىغان بىرخىل ئىستىمال ھەرىكىتىدىن ئىبارەت..ئۈچىنچىدىن، بەھىرلىنىش ئىستىمالى ۋە يۇقىرى ئىستىمال.      يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرپ ئىستىمال قارىشىنىڭ تەسىرىدە ئسىتودېنتلاردا بەھىرلىنىش ئىدىيسى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش ئىستىمالىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئۇقۇمغا ئايلاندى. ئۇندىن باشقا ياش ئسىتودېنتلار ئارىسىدا يۇقىرى ئىسىتمال ھادىسىسى مۇئەييەن دەرىجىدە ساقلانماقتا. ئىسىتمال جەريانىدا يېڭى نەرسىنى ياخشى كۆرۈش، يېڭى مودا قوغلىشىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەسلىشىش پىسخىكىسىنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن ھەمىشە ئىستىمال يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، ئىستمال سەۋىيەسى ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ۋە ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنۈش، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن سەلبى ھادىسىلەرنى، قېلىپسىزھەرىكەتلەرنى يۈكلەپ قويدى. تۆتىنچى، ھالقىما ئىسىتمال ۋە قەرز ئىسىتمالى.يېقىنقى  يىللاردىن بېرى جەمئىيەتتە ھالقىما ئىستىمال ۋە قەرز ئىستىمالى بارلىققا كەلدى. يەنى بۈگۈن ئەتە خەجلەيدىغان پۇلنى خەجلەيدۇ. بۇخىل ئىدىينىڭ ھەيدەكچىلىكىدە  سىتودېنتلاردا قەرز ئىستىمالى باش كۆتىرىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن چېكىندى.
2) ئسىتۇدېنتلارنىڭ ئىسىتېمالىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى.
     يۇقىرىدا بىز ئسىتودېنتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسىتىمال قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئالاھىدىلىكلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق سىتودېنتلار ئىسىتمالىنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى ساغلام بولسىمۇ، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز. مېنىڭچە، سىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال قارىشى ۋە ئسىتمال ھەرىكىتىدە كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى  بىر قانچە تەرەپكە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1)ئىجتىمائىي سەۋەب
       ئسىتودېنتلارنى مەكتەپ قوراسىغا قويساق ئۇ بىر ئوقۇغۇچى. ئوخشاشلا ئۇنى جەمئىيەتكە قويساق ئۇمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتى پۈتكۈل جەمئىيەت چوڭ مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن خالىي بولالمايدۇ.         بىرىنچىدىن، جەمئىيەتنىڭ ئالىي مائارىپنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىشى نۆۋەتتە بەزى مەكتەپلەر مەكتەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئېغىزىنى يوغان ئېچىشى بىلەن كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ پەن ئاساسىنى ئويلاشماي دىپلوم ئېلىشنى مەخسەت قىلىپ، ئۇلارنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرىدۇ. مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرەمدۇ- يوق، بۇنىڭ بىلەن ھېساپلاشمايدۇ. نەتىجىدە بىرقىسىم ئسىتودېنتلار ئاتاققا ئسىتودېنت بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىقتىدار ۋە ئىدىيە جەھەتتە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىرادىسىنى ھازىرلىيالمىغانلىقتىن ئوقۇشنى بېسىم ھېس قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن زور مىقداردىكى ۋاقىتىنى ئىستىمالدىن بەھىرلىنىشكە سەرپ قىلىۋاتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، غەربچە ئىستىمال دولقۇنىنىڭ كۆتىرلىشى
     ئسلاھات ئىشكنى ئېچىۋېتىش بازار ئېگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىد، كشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى ،غەربنىڭ ۋە باشقا ئىستىمال مەدىتىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم ئسىتودېنتلار ئىستىمالدىن بەھىرلىنىشكە بېرىلىپ. ھەممىلا يەردە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىش، ئابروي قوغلىشىش يولىغا كىردى.      تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تىجەشچان بولۇشنى ۋاقتى ئۆتتى دەپ قارىدى. بۇ خىل ئىجتىمائىي چوڭ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بىرقىسىم سىتودېنتلار چوڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، مودا قوغلاشقانلىقتىن، تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تېجەشلىك بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىسىتمال يۈزلىنىشى سۇسلاشتى.
ئۈچىنچىدىن، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجابىي بولمىغان يېتەكلەشلىرى.     جامائەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ھازىرقى زامان ئۇچۇرىنى تېز يەتكۈزدىغان ئاساسلىق  يول بولۇپ، ئسىتودېنتلارنىڭ مەدەنىيەت، قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكلەش رولىنى ئوينىشى كېرەك ئىدى،ئەمما  ھازىرقى ئېلان سەنئىتىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ماددىي مەدىنىلىكنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مەنىۋى مەدىنىلىكنى يېتەكلەشكە سەل قارالدى، بۇخىل پۇل مۇئامىلىلەشكەن ئىسىتمال قارشى سىتودېنتلارنىڭ ئستىمال قارشى ۋە ھەرىكىتىگە سەلبى تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.
(2)ئائىلىسىدىكى سەۋەب.     پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ئائىلە بالىلارنىڭ دۇنيا قارشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارشى، قىممەت قارشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىرقىسىم ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ توغرا ئىسىتىمال قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا دىققەت قىلمايلا قالماستىن ساغلام بولمىغان ئىستىمال قارشى ۋە ھەرىكتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۆزلىرى سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. (3)مەكتەپ تەربىيەسىدىكى سەۋەبنۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىسىتمال تەربىيسىدە كۆپ يېتەرسىزلىكلەر بار. ئۇندىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيۋى- سىياسى نەزەرىيە دەرىس ئوقۇتۇشى ۋە تەربىيسىدىمۇ ئۆزگەرتىشكە، ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ھالقىلار كۆپ.(4)ئسىتۇدېنتلارنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەب.ئىستىمال جەريانىدا كۆپلىگەن ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ھەرىكىتى ئەقلىلىككە ئىگە بولسىمۇ، كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرى ئسىتودېنت تۇرۋاتقان مۇئەييەن ياش قاتلىمى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك
.     .3ئسىتۇدېنتلارنىڭ توغرا ئىستىمال قارشىنى تىكلەشكە يېتەكلەشنىڭ ئۇسۇل ۋە يوللىرى.1)جەمئىيەت تەربىيسىبىرىنچىدىن، جامائەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجابى رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئسېتودېنتلار زامانىۋى پەن- تېخنىكىغا ئەڭ ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكۈچىلەر. ھازىرقى زامان تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاسان ئۇچرايدىغان كوللىكتىپ.جامائەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى كېرەكلىك، ساغلام بولغان ئېستىمال ئۇچۇر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، سىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان، ئاڭقىرالمىغان مەسىلىلەرگە ئىجابى جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنى ئىستىمال پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ توغرا بولغان ئسىىتمال پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.ئىككىنچىدىن، تور بايلىقىى ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئسىتودېنتلار ھازىرقى زامان ئېنتىرنىت تورىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان ئالاھىدە بىر توپ، چۈنكى ئېنتىرنىتتىكى ئۇچۇرنىڭ كۆپلىگى، تىزلىگى ئسىتودېنتلارنىڭ ئۇچۇرغا بولغان زور ئىھتىياجنى قاندۇرىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بولغان ئىستىمال قارشىنى تىكلەشكە يېتەكلەش جەريانىدا تورنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش لازىم.
2)مەكتەپ تەربىيسى:بىرىنچىدىن، ئالى مەكتەپ ئىدىيۋى- سىياسى نەزەرىيە دەرىسى ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنىمىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىدىيە- سىياسى نەزەرىيە دەرىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيۋى- سىياسى تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا ، سىتودېنتلارغا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، تۇرمۇش قاراش، قىممەت قارشى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئاساسلىق يولى. ئىدىيۋى- سىياسى نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى كۈچەيتىش، ئسىتودېنتلارنىڭ توغرا بولغان قىممەت قارشىنى تىكلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئىستىمال مۇھىتىنى ياخشىلاش لازىم. ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال مۇھىتى ئاساسەن مەكتەپ قوراسى ئەتراپىدا بولىدۇ. ئسىتودېنتلارنىڭ ئىسىتمال يۈزلىنىشىنى يېتەكلەشتە ئۇلار تۇرۋاتقان ئىستىمال مۇھىتىنى تىزگىنلەش ۋە ياخشىلاش لازىم. بىر تەرەپتىن، مەكتەپ ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ ياخشى بولغان مەكتەپ ئۆگىنىش مۇھىتىنى يارىتىش لازىم. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىمال ھەركىتىگە بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى سودا ئۇسۇللىرى بىلەن تاۋار تىجارەت دائىرسىنى تەرتىپكە سېلىش لازىم. مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى ئىستىمال مۇھىتى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساس قىلىشى، ھەرگىزمۇ ئاۋات رەستىلەردەك بولماسلىقى لازىم.ئۈچىنچىدىن، ئسىتودېنتلارغا بولغان ئىسىتمال قارشى  تەربىيسىنى كۈچەيتىش لازىم. مەكتەپلەردە ئالاقىدار ئورۇنلار پىلان تۈزۈپ دوكلات بېرىش، لېكىسيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىسىتمال قارشى ئىدىيسىنى كۈچەيتىش لازىم.
3) ئائىلە تەربىيەسىئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىل پىكىرى قىلىش، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسىنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى،ئۇلارنى جەميەت بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا مۇھىتقا تىز ماسلىشالايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشى،ئۇلارنىڭ كونكىرت ،مۇۋاپىق پىلان تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، توغرا بولغان مالىيە باشقۇرۇش ئىدىيسى، ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشىى لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن ھەرۋاقىت، ھەرزامان تىرىشچان، ئىقتىسادچان، تەلەپچان بولۇشتەك ئىسىل ئەنئەنە تەربىيسىنى ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە سىڭدۈرىشى، ھەرخىل ۋاستە ئارقىلىق مەكتەپتىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاختى-ۋاختىدا ئېگەللەپ تۇرۇشى لازىم.
4)ئسىتودېنتلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى تەربىيلىشى.ئىچكى سەۋەب شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئسىتودېنتلارنىڭ توغرا بولغان ئىستىمال قارشىنى تىكلەشنىڭ ئاچقۇچى ئسىتودېنتلارنىڭ ئۈزىدە، ئۇلار ئۆز- ئۆزىدىن تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، نورمال ئىقتىساد توپلاش ئىدىيسىنى تىكلەشتەتۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم. بىرىنچىدىن، ئىستىمال تەجىربىللىرىنى توپلاش لازىم.ئادەتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىستىمال جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىستىمال تەجرىبىللىرىنى خۇلاسىلەش ۋە توپلاشقا ماھىر بولۇش لازىم.ئىككىنچىدىن، ئىستىمال بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىقتىساد توپلاش قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئسىتودېنتلار جەمئىيەت ۋە مەكتەپ تەشكىللىگەن ھەرخىل ئىستىمالغا ئائىت پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇنىڭدىن ئىستىمال بىلىملىرىنى، تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش لازىم.ئۈچىنچىدىن، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم.زامانىمىزنىڭ ئسىتودېنتلىرى تەشەببۇسكار ھالدا ئىستىمال ساھەسىدىكى قانۇن- نىزاملارنى ئۆگۈنۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن ئاساسلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، ھەرگىزمۇ يېڭى دەۋرنىڭ قانۇن ساۋاتسىزلىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم.تۆتىنچىدىن، توغرا بولغان ئىستىمال پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش لازىم. ئسىتودېنتلار ئىستىمال جەريانىدا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېنىق، كونكرت بولغان ئىستىمال ئۆلچىمىنى بېكىتىشى لازىم. مۇۋاپىق ئىسىتمال پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئىستىمال پىلانىنى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ياخشى بولغان ئىستىمال ئادىتىنى يېتىلدۈرىشى لازىم. ئسىتودېنتلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىستىمالىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ ئىستىمال قىلىش، ئىستىمالدا پىلان بولۇش، ئىستىمال يۈزلىنشى بولۇش، ئىستىمالدا مۇستەقىل بولۇش قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇپ، بۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىستىمال ھەركىتىنى تىزگىنلەش لازىم.

خۇلاسىلىگەندە، ئسىتودېنتلار ئىستىمال كوللىكتىپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ساغلام بولسىمۇ، يۇقىردا تەھلىل قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدەك نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ ساقلىنىپ كەلدى. پەقەت جەمئىيەت، ئائىلە، مەكتەپ، ئسىتودېنتلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىكتە تىرىشساقلا ئسىتودېنتلارنىڭ ئىستىمال قارشى ۋە ئىستىمال ھەرىكىتى ساغلام يولغا كېرەلەيدۇ.ئەسلى مەنبە:  《شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى》2013 –يىلى 1 -سان