ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
مىللەتلەر ئارا ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى
ۋاقتى : 2013-12-24 18:27:58  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

مۇخبىرنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى 16 يۈرۈش ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش خىزمىتىنى تاماملىغان.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەتقىق قىلىپ چىقىش خىزمىتى جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى(مەركىزى) نىڭ رىياسەتچىلىكىدە تاماملىنىپ، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچىدىن ئىبارەت يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بولۇپ، ‹‹يىزۇچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ۋە ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى››، ‹‹جۇاڭزۇچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ۋە ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى››، ‹‹موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ۋە ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتالى››، ‹‹زاڭزۇچە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، يىزۇچە DROW جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتالى››، ‹‹خەنزۇچە بىلەن يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئىزدەش سىستېمىسى››، ‹‹قازاقچە بىلەن سىلاۋىيانچىنى كودلۇق ئالماشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى›› قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىچىدە ھەم خاتالىقنى تۈزىتىش ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى ياردەمچى تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرىمۇ، ھەم كۆپ خىل ئىزدەش شەكلىنى ھازىرلىغان ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرمۇ بار ئىكەن، يېزىق كىرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنىڭ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي، يەنە خەنزۇچە تۇراقلىق سۆز – ئىبارىلەرنىڭ پىنيىنىنى كىرگۈزۈپلا تېز سۈرئەتتە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىغا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىق تەرجىمىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.