ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
مەرھۇم ئاتاۋۇللا مېھمانغا تەزىيە
ۋاقتى : 2013-12-21 11:53:32  مەنبەسى : ئىتتىپاق كومىتىتى  يوللىغۇچى : ارپ

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

بۈگۈن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، 2-دەرىجىلىك نازارەتچى، ساقچى قانۇن پەنلىرى مۇتەخەسسىسى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئاتاۋۇللا مېھمان بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىۋاتىمىز.

ئاتاۋۇللا مېھمان 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كېسەل بىلەن 69 يېشىدا بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

  ئاتاۋۇللا مېھمان ئەر، ئۇيغۇر 1944-يىلى كەلپىن  ناھىسىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلى خىزمەتكە چىققان. 1958-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ كان مېتاللۇرگىيە كەسپىدە ئوقۇغان.ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. 1962-يىلى جۇڭگو كومپارتىيىسى كەلپىن ناھىيىلىك كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. 1973-يىلىدىن 1979- يىلىغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى سىياسىي بۆلۈمدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلىغىچە شىنجاڭ سىياسىي قانۇن كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئىتتىپاق كومىتېت شۇجىسى، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئومۇمى پەنلەر بۆلىمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئاتاۋۇللا مىھمان ھايات مۇساپىسىدە بىر ئۆمۈر ئادىل، پاك دىيانەتلىك ياشاپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، قەيسەر، تېرشچان، ئىزدىنىش ئۈگۈنۈش روھىغا باي بولۇپ پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇن تەرپىدىن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن. شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن  قوشۇنىغا ساناقسىز ياراملىق كادىرلارنى تەربىيەلىگەن تۆھپىكار باغۋەن، ئىقتدارلىق رەھبەر ئىدى.

ئاتاۋۇللا مىھمان كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئالدىراش خىزمىتى ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ «مەمۇرى ئىشلار قانۇنى»،«مەمۇرىي ئىشلار دەۋا قانۇنى»،«جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن بايان» قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ۋە 300پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە يىزىپ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قانۇنچىلىق قۇرلۇشىغا زور تۆھپە قوشقان.

ئالىي مەكتەپلەردە ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدا نۇرغۇن قېتىم ھەقسىز دەرس سۆزلەپ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان.

   ئۇ 1997-يىلى باش شۇجى جىياڭزىمىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشكەن ئىدى.

ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەن ھايات، ئۈگەنگەن ھايات،تېرشچان ھايات، پارتىيە-خەلققە سادىق بولۇپ تىنىم تاپماي جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ھايات، مەنىلىك ھايات، تۆھپىكار ھايات، ئۇلۇغۋار ھايات !

ئەلۋىدا، ئەي قانۇن يۇلتۇزى! ئەجىرلىك قەدەملىرىڭ تەككەن تۇپراقتىن گۈل ئۈنگەي، ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولغاي!

 


13- دىكابىر خىرەلەشتى ئاسمان گۈمبىزى،

سىياسىي قانۇن سىپىدە ئىدىڭ بىر چولپان.

مەرىپەت ئاسمىنىدىن ئاقتى بىر  يۇلتۇز،

ئايرىلىش ئازابىدا يۈرەكلەر ۋولقان.

رازى بولغىن ئارمانلىرىڭ ئاچىدۇ چېچەك،

ئەۋلاتلىرىڭ روھىڭىنى قىلىدۇ باغدەك.

تۇغۇلدۇقمۇ ھەمىمىز ئۆلىمىز بىردەك،

ئەل ۋەتەنگە تۆھپە قوشايلى تاغدەك.


 

2013-يىلى 23-دىكابىر دۈشەنبە