ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
ئۆرۈپ-ئادىتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بىمەنىلىككە يەكلەتكۈزمەيلى
ۋاقتى : 2015-02-16 09:46:14  مەنبەسى : شىنخۇا ئۇيغۇرچە تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئۆرپ-ئادىتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى بىمەنىلىككە يەكلەتكۈزمەيلى

مىللەتلەرنىڭ پەرقى ئالدى بىلەن سىرتقى قىياپىتى يەنى چىراي – تۇرقى، كىيىنىشىدىن، شۇنداقلا مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. يېقىندىن بۇيان گېزىت – ژۇرنال، رادىيو – تېلېۋىزورلاردا مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېسىل ئۆرپ – ئادىتىمىز ۋە پارلاق مەدەنىيىتىمىزگە توغرا ۋارىسلىق قىلىپ، بىمەنە ۋە چېكىدىن ئاشقان كۆز قاراشلارغا قارشى تۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان تەشۋىقاتلار كۆچەيمەكتە. بىر نەچچە يىل مابەينىدە جەمئىيەتتە باش – كۆزىنى قارا چۈمبەلدە ئوراپ، كېلەڭسىز يوپكا – كۆڭلەكلەرنى كىيىدىغان خانىم – قىزلار كۆپىيىپ قالدى. ئۇلارچە ئاشۇنداق كىيىنسە، ‹‹دىنىي ئېتىقادى چىڭ، پاك، تەقۋادار، ھەقىقىي مۇسۇلمان›› بولارمىش. قارا كۆڭلەك كىيىش، قارا چۈمبەل ئارتىش ئەرەب ئاياللىرىنىڭ شۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇلغان كىيىنىش ئادىتى. ئۇنداق بولسا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قارا چۈمبەل ئارتمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە كىيىمىنى كىيىدىغان، پاكىستان، ھىندونىزىيە، مالايسىيا، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاياللار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟ خوتۇن – قىزلىرىڭلارنى ئەرەب ئاياللىرىدەك كىيىنىشكە مەجبۇرلىغان ئەرلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار ئەرەب ئەرلىرىدەك كىيىنمەيسىلەر؟

كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئايال دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ قارا چۈمبەل ئارتىۋالغاننىڭ ئۈستىگە قاڭشىرىنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر پارچە قارا رەخت چىگىۋالغان ھەم ئۇزۇن ۋە كەڭ قارا كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى. كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنىڭ يەرگە تېگىىپ تۇرغان يېرى مەينەتلىكىدىن دەسمالدەك بولۇپ كەتكەنىدى. ئاشۇ مەينەت كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى، ئېتىقادىغا يۈز كېلەلەرمۇ؟ كېلەڭسىز،كۆرۈمسىز كىيىنىش ئارقىلىق تەقۋادارلىقنى، ئېتىقادنى ئىپادىلىمىسىمۇ، يارىشىملىق، سىپتا، نورمال كىيىنىپ، چىرايلىق ياغلىق – شارپىلارنى ياراشتۇرۇپ چىگىپ يۈرسىمۇ بولىدىغۇ؟ گۈزەل، لاتاپەتلىك، ئەمما شەرم – ھايالىق بولۇش قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ بەختى ۋە ئىپتىخارى. بۇ ھەرگىزمۇ شەرم – ھايا، ئەدەپ – ئەخلاقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مەيدىسى، قولتۇقى ئوچۇق كۆڭلەك، قىسقا يوپكا، ھېسىپتەك تار ئىشتان كىيىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مىللىي ئەنئەنىمىز، ئۆرپ – ئادىتىمىزگە ماس كېلىدىغان كىيىنىش ئادىتىنى چەتكە قاقماسلىق دېگەنلىك.

ئىسلام دىنى شىنجاڭغا تارقالغاندىن كېيىن ئەجدادلىرىمىز بۈيۈك يىپەك يولىنى بويلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سودا تۈگۈنلىرىگە بېرىپ سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان، بومباي، ئىسلامئاباد، كاراچى، باغداد، دەمەشىق، قاھىرە، سەمەرقەنت، ئەنجان قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، مەككە، مەدىنەگە ھەج – تاۋاپ قىلغىلى بارغانلارمۇ خوتۇن – قىزلىرىنى ئەرەب ئاياللىرىدەك كىيىنىشكە زورلىمىغان، بەلكى ئەرلەر چەكمىنىنى، ماتا تامبىلىنى، دوپپىسىنى كىيىپ، ئاياللار قېشىغا ئوسما، تىرنىقىغا خېنە قويۇپ، شاھى رومال ئۈستىگە چىمەن دوپپا ۋە باشقا تۈرلۈك تۇماقلارنى كىيىپ، ئەتلەس، دۇخاۋىدىن كۆڭلەك ۋە ئىشتانلارنى كىيىپ، لاتاپىتىنى نامايان قىلىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇ زامانلاردا چامى يەتكەن، ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن، يۇرت ئاتلاشنى نىيەت قىلغانلىكى كىشى جاھان كېزىپ، بارغان يېرىدىكى يېڭىلىقلارنى، مىمارچىلىق، تېبابەتچىلىك بىلىملىرى ۋە ھۈنەر – تېخنىكا ئۆگىنىپ، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان، مىللىي ئۆزلۈكنى ساقلاپ كەلگەن.

مىلادى 10 – ئەسىردە مەشھۇر تىلشۇناس، مۇتەپپەككۇر مەھمۇد كاشغەرى شۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان شېئىر – نەزمىلەرنى ئەرەب ۋە پارس تىلىدا يېزىش، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرلارنىڭ بەدىئىيلىكى، پاساھىتى يوق، دەپ قاراش خاھىشىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، ‹‹دىۋانى لۇغەتى تۈرك›› ناملىق شاھانە ئەسىرىنى يېزىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەرەب تىلىدىن قېلىشمايدىغان پاساھەتلىك، ئىپادىلەش كۈچى يۇقىرى تىل ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئانا تىلىمىزغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن. ئەجدادلىرىمىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى شۇنداق قوغدىمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە خاسلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۆرەلمىگەن بولاتتۇق.

بەزىلەرنىڭ كاللىسىنى بېمەنىلىك شۇنچىلىك قوداڭشىتىۋەتكەنكى، ئۇلارچە ‹‹يات دىندىكىلەر ئىشلەپچىقارغان نەرسە – كېرەكلەر ھارام›› ئىمىش. سۈنئىي ھەمراھ، ئايروپىلان، پاراخوت، يەنە نۇرغۇن ئىلغار ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرنى دېمەيلى، بىز كۈندە ئىشلىتىدىغان يان تېلېفون، پىكاپ، ئاپتوبۇس، ئەڭ ئاددىيسى ۋېلىسىپىت، تىراكتور، سېيالكا، لامپۇچكا، ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزور، رادىيو، كىرئالغۇ، توڭلاتقۇلارنى دەل شۇ يات دىندىكىلەر ياسىغان. ئۇچىڭىزغا كىيىۋالغان كىيىملەرنى، خوتۇن – قىزلىرىڭىزنىڭ ئەرەبچە چۈمبەللىرىنى سىز تونۇيدىغان تىككۈچىگە تىككۈزگۈنىڭىز بىلەن، رەختىنى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى، يىپ – يىڭنىنى يەنە شۇ يات دىندىكىلەر ياسىغان. ئاشۇ زامانىۋى ماشىنا – ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشىڭىز ۋە ئېھتىياجىڭىزنى قامدايسىز – يۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ھارام، دەيسىز؟ ئۇنداق بولسا ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدىن، مەدەنىيىتىدىن قول ئۈزۈپ، ئۆڭكۈرلەردە ئىپتىدائىي ئادەمدەك ياشىسىڭىز بولمامدۇ؟

بەزى نادانلار ئۆلۈم – يېتىمدە يىغلىسا، توي – تۆكۈندە نەغمە – ناۋا قىلسا، ئۇسسۇل ئوينىسا ھارام، دەپ پەتىۋا تارقىتىشماقتا. سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىڭىز، قېرىندىشىڭىز، يۈرەك پارىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىز كېسەللىك ياكى بىرەر كېلىشمەسلىك تۈپەيلى سىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلسا، يىغلىماي تۇرالامسىز؟ مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنتىڭىزنىڭ تويىنى جىمجىتلا ئۆتكۈزسىڭىز، ئۆزىڭىزنىمۇ، پەرزەنتىڭىزنىمۇ توي خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قىلغان بولمامسىز؟ ئۇنداق بىمەنە پەتىۋالارنى تارقاتقۇچە، نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلەرنى مەنىلىك، تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلسىڭىز ئاقىلانىلىك بولماسمىدى؟

تارىختا ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان دىنىي كۈچلەر خەلقىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەرنى سالغان. جاھالەت، نادانلىق، قاششاقلىق، تەركىي دۇنيالىقنى تەرغىب قىلغۇچى ئاپپاق غوجا باشچىلىقىدىكى سوپى – ئىشانلار مىللىي مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ – ئادىتىمىزنى دەپسەندە قىلىپ، خەلقىمىزنى زۇلمەتتە قويغان. سوپى – ئىشانلار قىز – ئاياللارنى پەس كۆرۈپ، ئۇلارنى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان. ئۆزلىرى جۇل – جۇل جەندە كىيىپ، چاچ – ساقاللىرىنى ئۆستۈرۈپ، پاسكىنا تىنىنى يۇرتمۇ يۇرت سۆرەپ يۈرۈپ، كىشىلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى خۇراپىيلىققا، نادانلىققا مەھكۇم قىلىپ،دىيارىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چېكىندۈرۈپ، خەلقىمىزنى خارۇ – زارلىقتا، ئاچ – يالىڭاچلىقتا قويغان. مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ۋەيران قىلىشقا جان – جەھلى بىلەن ئۇرۇنغان جاھالەتلىك زامانلاردىمۇ خەلقپەرۋەر،مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما – شائىرلىرىمىز سوپى – ئىشانلارنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەسەبىيلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان شېئىر – داستانلارنى يازغان. خەلقىمىز بىباھا ‹‹12مۇقام››نى، خەلق ناخشا – قوشاق، داستانلىرىنى ئېيتىپ، ئەۋلادلارغا قالدۇرغان. شۇڭا ئۇلار بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىدى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەسەبىي، بىمەنە ئىدىيە يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا، ئىلىم – مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت بوستانىغا، ئەجدادلىرىمىز بەرپا قىلغان، بېيىتقان ئۆرپ – ئادەت گۈلشىنىگە ھەرگىزمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ، بىمەنىچىلەرنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى خۇراپىي، ئاق – قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان، يالغان – ياۋىداق پەتىۋالارغا ئاسان ئىشىنىپ كېتىدىغان نادان كىشىلەرنى زەھەرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ يامان غەرىزىگە زەربە بېرىپ، ھازىرقى زامانغا خاس كۆز قاراشقا ئىگە ئادەم بولۇش ئۈچۈن، بىر نىيەتتە تىرىشىشىمىز كېرەك.