ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
ئامېرىكىلىق قىز «نازاكەت»
ۋاقتى : 2015-02-17 09:11:09  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئامېرىكىلىق قىز ‹‹نازاكەت››

لى خەنجى

ئۇزۇن ھەم كەڭ يىپەك يولىدا قەلبداشلىقلا بولىدىكەن، ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكا ساھەسىدىكى كۈچلۈكلەرنى تاللاش پىروگراممىسىغا كۆكرەك كېرىپ چىققان بىر ماھىر ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىسىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىننى تەسىرلەندۈردى. ئۇ نەق مەيداندا ئۇيغۇر مۇقامىنى ئېيتىپ ئۇستازلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى ھەم مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئامېرىكىلىق ماھىر ئېلىس ئاندېرسون.

مەن بۇلتۇر 16 – دېكابىر ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› پىروگراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ئورنىدا ئېلىس ئاندېرسوننى ئۇچراتتىم. 31 ياشلىق ئېلىس ئاندېرسون سۇس گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ، ئىككى كۆزى چاقناپ تۇراتتى، ئۇچىسىغا سۇس كۈلرەڭ پوپايكا، قارا ئىشتان كىيىۋالغان بولۇپ، ئۆزىگە ئۇيغۇرچىدا گۈزەل، چىرايلىق، بېجىرىم دېگەن مەنىدىكى ‹‹نازاكەت›› دېگەن ئىسىمنى قويۇۋالغانىدى.

ئېلىس ئاندېرسون ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكلاخوما ئىشتاتىدىن كەلگەن. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئون يىل ئىلگىرى چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق لاگېرىغا قاتنىشىپ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كەلدىم. ئۇ ۋاقىتتا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىنى بىلمەيتتىم، لېكىن نۇرغۇن خەنزۇ، ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، شۇنىڭدىن كېيىن ئاستا – ئاستا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىپ، دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم.

ئېلىس ئاندېرسون مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلار كىشىلەر ئېيتقاندەك قىزغىن، مېھماندوست ئىكەن، بەزىلەر تىل ئۆگىنىشىمگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم بەردى، مەن شىنجاڭلىقلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شىنجاڭنى چۈشىنىپ، ئۇيغۇرچىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ BBS مۇنبىرىدە ‹‹بىر ئامېرىكىلىقنىڭ نەزەرىدىكى ئۇيغۇرلار›› دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدىم، بۇ ماقالەمنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتى بەكلا يۇقىرى بولدى.

ئېلىس ئاندېرسون ئامېرىكىدا مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان، يەنە ئوپېرا ۋە جاز مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىپتۇ، مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆزىگە يارىشا تەتقىقاتى بار ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۈچ يىل ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپتۇ، بۇ ئارىدا سۆزلەش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا، قىزىقىشى بويىچە ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپتۇ، يەنە ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگىنىپتۇ، ئۇيغۇرچە نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى كۆرۈپتۇ.

ئېلىس ئاندېرسون ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا مۇقام كەسپىدە ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ ‹‹تامچە سۇ تاشنى تېشەر››، ‹‹تاما – تاما كۆل بولار›› دېگەن تەمسىلنى ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى قىلىۋاپتۇ. ئۇ: ھازىر ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلايمىز، بۇنداق ئۆگىنىش پۇرسىتىنى بەكلا قەدىرلەيمەن، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانام ۋە تۆت قېرىندىشىم مېنى بەكلا قوللايدۇ، گەرچە يۇرتۇمدىن، ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولساممۇ، لېكىن بۇ يەردىكى تۇرمۇشۇم، ئۆگىنىشىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك. دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر، ھەمىشە ئۇلار بىلەن بىللە چىقىپ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنى يەپ كېلىمىز، مەن ئۆپكە – ھېسىپقا بەكلا ئامراق.

ئېلىس ئاندېرسون مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان بولغاچقا، ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› سەھنىسىگە چىقىپ، ئۆگەنگەنلىرىمنى تاماشىبىنلارغا سۇنماقچى بولدۇم.

ئېلىس ئاندېرسون ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۆز كەسپىگە قايتا باھا بېرىپتۇ ھەم مۇزىكا قەسىرىگە قايتىپ ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىش ئويىغا كەپتۇ. ‹‹بىللە مۇقام ئۆگىنىدىغان ساۋاقداشلىرىم مېنى ناخشىنى ياخشى ئېيتىسەن، دەپ ماختاپ <يىپەك يولى ساداسى> پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئوقۇتقۇچۇممۇ مېنىڭ قاتنىشىشىمغا قوشۇلدى ۋە ماڭا ياردەم بېرىدىغان بولدى، شۇڭا بۇ پىروگراممىغا قاتناشتىم›› دېدى ئۇ.

ئېلىس ئاندېرسون ‹‹يىپەك يولى ساداسى›› پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتە تىكىلگەن زەڭگەر كۆڭلىكىنى كىيىۋالغانىدى، ئۇستازلار ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق كىيىنىۋالغىنىنى سورىغاندا ئۇ: مېنىڭ شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنىمغا بىر يېرىم يىل بولدى، ئادەتتە دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازارغا بېرىپ ئايلىنىپ كىيىم – كېچەك سېتىۋالىمەن، مەن شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم، دەپ جاۋاب بەردى.

پاراڭلىشىش جەريانىدا ئېلىس ئاندېرسون گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ساددا قىزچاققا ئوخشاش چاچلىرىنى تاراپ، قاقاقلاپ كۈلۈپلا تۇردى. ئۇ دەل مۇشۇنداق ئوچۇق مىجەزى، جاراڭلىق ئاۋازى سەۋەبلىك ‹‹يىپەك يولى ساداسى››دىكى تۆت ئۇستازنىڭ ماختىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشىغا سازاۋەر بولغان بولسا كېرەك.

بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئۆگىنىشىگە كىشىلەر ئاپىرىن ئېيتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ ھېكايىسى بىزگە يەنە بىر قېتىم مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدىغانلىقىنى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭمۇ ئوخشاشلا دۆلەت، ئىرق ئايرىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.