ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
ئاتا-ئانامنى تېپىۋالدىم سىزگە ياردەم قىلايمۇ؟
ۋاقتى : 2015-03-09 14:53:23  مەنبەسى : ئاپتور تەمىنلىگەن  يوللىغۇچى : يارپ

 ئاتا-ئانامنى تېپىۋالدىم، سىزگىمۇ ياردەم قىلايمۇ؟

ماھىنۇر يۇنۇس

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرناللار نەشرىياتى)

بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى، چۈنكى بۇ يۇرتتىمۇ يوقلايدىغان ئاتا-ئانام بار بولدى.

ھېيت-بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يوقلايدىغان، ھال-مۇڭ ئېيتىشىدىغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزنىڭ يېنىڭىزدا بولمىغانلىق سەۋەبلىك مۇساپىرلىق ھېس قىلغان، بەزىدە خىزمەتتىكى ئانچە-مۇنچە ئوڭۇشسىزلىق، ياكى تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە زىددىيەت تۈپەيلى ھېچ ئىشقا قولىڭىز بارماي كىمنىدۇر بىرىنى سېغىنىپ ئاھ ئۇرغان ۋاقتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ ئەمدى ئۇ كۈنلىرىڭىزگە خاتىمە بېرىڭ، كۈنلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك، كۆڭلىڭىزنىڭ خۇشال ئۆتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلاي، سۈزۈمگە قۇلاق سېلىڭ. بۇگۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقى يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتىدىكى ئەزالىرىمىز 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن گۈزەل ئالەم ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، شۇ يەردە كۆتىنىۋاتقان ئانىلاردىن بايراملىق ھال سوراشنى ئويلۇشۇپ چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يىرىملار بىلەن ساناتورىيەگە باردۇق، ساناتورىيە دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىشىمىز بىر كۆتۈنىۋاتقان ئانىنىڭ بالىسىنى ئۇزۇتۇپ چىقىشىغا توغرا كەپ قالدى.

ئانا ۋارقىرايتتى، «بالام، مەن كېتىمەن، مېنى ئەكەتكىن، بالام توختا،،،» يۈرۈگۈم ئىزىلدى، پۇت-قۇلۇم لاغىلداپ تىترەيتتى، ئانىنىڭ شۇ چاغدىكى بىچارىلەرچە تەلمۈرۈشى، 3ياشلىق بالنىڭ ئانىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يىغلىغىنىغىلا ئوخشايتتى، ساناتورىيەدىن چىقىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا قايسىسىنىڭ ئۇ ئانىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدىم، پەرق ئەتسەممۇ نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم،،، ۋاپات بولغان ئانامنى ئويلۇدۇم،،، ئۇندىن باشقىغا ئاجىزلىق قىلاتتىم،،، پەقەت ئالدىغا مېڭىشقىلا مەجبۇر ئىدىم،،، ساناتۇرىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بىزگە ساقلاپ زالدا رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىشىككە تەلمۈرگەن تەلمۈرگەن چىرايىدىنلا ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولاتتى، بەزىلىرى ئويلىغانلىرىنى تولۇق سۆزلىيەلمىسىمۇ قەلبى سۆزلەۋاتاتتى، ھەممىمىز قىزغىن سالاملار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋاللاشتۇق، ساھىپخاننىڭ بىردەم ئولتۇرىۋىلىڭلار دېگەنلىرىگىمۇ قارىماي ئاتا-ئانىلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۈق،،،شۇ جاپاكەشلەرنى تەلمۈرۈتكىمىز، ھېيىقتۇرغىمىز كەلمىدى، ئانىلار بىلەن بىرمۇبىر سۆزلىشىپ چىقتۇق، بۇلارنىڭ بەزىلىرى تولۇق سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسكەن، شۇنداقتىمۇ ئەھۋاللىرىنى ئۇقتۇرالىدى، ھەر بىرسىنىڭ ئەھۋالىنى بىرمۇبىر دەپ ئولتۇرماي، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىن ھەم كۆرگەن ئارخىبدىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يەردە كۆتىنىۋاتقانلار ئاساسەن مېگە يىگىلەش، قىرىلىق كىسىلى ۋە پارالىچ بولغانلار، ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇڭ-تۇققانلىرى يوقلار، بالىلىرى ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قاراش ئىمكانىيىتى يوق ئەكىلىپ قويغانلاركەن، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ نورمال ھاجىتىدىن چىقالمايدىكەن، پەرۋىشكارلار 24 سائەت ھەمرا بولۇپ ھەممە ئىشىغا ياردەم قىلىدىكەن. ئالدى بىلەن مۇشۇ ساناتورىيەنى قۇرغان بۇئايشەم خانىمغا قانچىلىك ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولسام، بۇ يەردىكى «پەرشتىلەر»گىمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن باش ئىگىشنى ئۆزەم ئۈچۈن شەرەپ دەپ بىلدىم،،،ئۆزلىرىنىڭ قىرىنداشلىرىدىن، مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان پەرزەنتلىرىدىن ئېرىشمىگەن مېھرى-مۇھەببەتنى مانا بۇ گۈل چىراي قىزلار ئاتا قىلىۋىتىپتۇ، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ دۇسلۇق چەمبىرىكىگە كۈندە دېگۈدەك پالانى يۇرتلۇق پالانچىنىڭ پەرزەنتى مۇنۇ سەۋەبتىن داۋالىنىۋاتىدۇ،،داۋالىنىشىغا جىراجەت يەتمىدى، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنساڭلار دېگەندەك مۇراجەتنامىلەرنى ئوقۇپ تۇرىۋاتىمىز،، بۇ ئاتا-ئانىلارنى كۆرمەستىن بۇرۇن مۇراجەتنامىلارنىڭ ئاساسەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانىكەنمەن، ئاتا-ئانىلىرىنى داۋالىتىش توغرۇلۇق مۇراجەتنامىلەر يوق دېيەرلىك،، ئەگەر ئاتا-ئانىلارغىمۇ بالىلىرىمىزغا كۆيگەندەك كۆيسەك قانداق ئەھۋال يۈز بېرەتتى، ،،ئويلۇنۇپ قالدىم. ھەم چوڭلارنىڭ «بىر ئاتا-ئانا ئون بالىنى قاتارغا قوشۇشقا قۇربى يېتىدۇ، ئەمما ئون بالا بىر ئاتا-ئانىنى بېقىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ» دېگەن گېپىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ھەر كىمنىڭ ئۆزى تاللىغان تۇرمۇش يولى، ياشاش ئۇسۇلى باردۇ، ئەمما ئاتا-ئانىغا بولغان مۇئامىلە، مەسئۇلىيەت، يەتكۈزىدىغان مىننەتدارلىق، شەپقەت مۇلاھىزە قىلىپ بىرلىككە كېلىدىغان تىما ئەمەس. ئاددىي بىر مىسال ئالاي، بىرەر دوستىمىز بىزنى مېھمان قىلغان بولسا، شۇنى قايتۇرىۋىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزلەيمىز، ئۆزىمىزچە ئادىمىيگەرچىلىك قەرزى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ نەچچە قېتىملاپ ئۆزرە ئېتىمىز،، بىرەرسىدىن نەچچە يۈئەن قەرز ئالساقمۇ شۇنى قايتۇرىۋىتىش كويىدا بولىمىز. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە بەرگەنلىرى، ئاتا قىلغانلىرىچۇ؟ بۇنى قايتۇرۇش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ئەمەسما؟؟!!! بەلكىم پەرزەنتىڭىز باردۇ،،،بىر بالىنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشنى ئويلىمىسىڭىزمۇ ھېچ بولمىسا ئۈچ-تۆت ياشقا كىرگۈزگۈچە نېمە كۈنلەرنى كۆرگىنىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ،،،،

پەرزەنتىڭىزنىڭ ھەر بىر قېتىم ئاتا، ئاپا دەپ چاقىرغاندا مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىغىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز،، بۈگۈن مەن كۆرۈشكەن ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىنىش، كۆيۈنىش، چوڭقۇر مېھرى، يۈكسەك مەسئۇلىيىتى بىلەن قاتارغا قوشقان بولغىيدى،،، ئەگەر بىز ئاغرىپ قالساق ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ قويۇپ خاتىرجەم خىزمىتىنى قىلار بولغىيمىدى، نەچچە ئايلاپ ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ قارىسىنى كۆرسەتمەي يوقاپ كېتەر بولغىيمىدى؟؟؟

بۇ يەردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىدىن مېھرى- مۇھەببەتكە ئېھتىياجىلق ئىكەنلىكى كۆزىدىنلا چىىقىپ تۇراتتى. يۈرۈكۈم ئىزىلىپ كەتتى.

مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغان يەنە بىر ئىش كۆتىنىۋاتقانلارنىڭ نەچچىسىنى قۇتقۇزىۋىلىش ئورۇنلىرى ئەكىلىپ قويغانلار ئىكەن، بۇلارنى ساناتورىيە ھەقسىز باقىدىكەن. ھەق بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆتىنىش ھەققىنى يىللاپ بەرمەيدىغان ئىشلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىكەن،،،

مەنمۇ بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن پەرزەنتلىرىمنى ھەم كەلگۈسۈمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم،،، بۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز ئىدى،،،

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. ھەر بىر قەدىمىدىن خۇشپۇراق گۈل ئۈندۈرۈپ ماڭىدىغان ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىز زالنىڭ ئىچىنى جانلاندۇرىۋەتكەنىدى نەچچە ساخاۋات ئورۇنلىرىىدىكى قىرىنداشلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى، ئۈششۈك تەككەندەك تىترەۋاتقان ئاجىز يۈرۈگۈم بىردىنلا جانلاندى،،،، قىرىنداشلىرىمىزدىن سۆيۈندۈم، ئەتراپىمىزدا ئاقكۆڭۈل كىشىلەر يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. ھەرساھەدىن كەلگەن پىدائىيلار،،،زالدىن ياڭرىغان كۆلكە ساداسى،،،

نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈڭلىمىزگە پۈتۈپ، ئاتا-ئانىلارغا ياخشى تىلەك تىلەپ، پەرۋىشكارلىمىزغا رەھمەت ئېيتىپ ساناتورىيەدىن ۋاقتلىق خوشلاشتۇق.

 

كېتىۋاتىمەن،،،يەنە شۇ سىماھلار،،، ئەتە 8-مارت،،،بۇ يەردىكى ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ يولىغا تەلمۈرىدۇ، بۇلاردىمۇ ئىنسانغا ئورتاق بولغان تەبئىي ئىنتىلىش، ئىستەك مەۋجۇد،،،

نىدايىمنى ئوقۇۋاتقان پەرزەنت ئاتا-ئانىڭىزنى يولىڭىزغا تەلمۈرتمەڭ،،، مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ دوسلىرىڭىز ياكى كىچىككىنە ئائىلىڭىزدىكىلەر بولغان پائالىيىتىڭىزنى، تۈگىمەس ئالدىراش ئىشلىرىڭىزنى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىڭىزنى قايرىپ قويۇپ ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ قويۇڭ،

ئانام بولسىمۇ بايرىمىنى تەبرىكلەر ئىدىم، ھەدە-سىڭىللىرىم بولغان بولسا بايرام ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسامچۇ،،،دېگەن ئۈمىددە بولىۋاتقانلار ئىككىلەنمەي ئەتراپىڭىزدىكى ساناتورىيەلەرگە قەدىمىڭىزنى توغۇرلاڭ،، بۇ يەردە ئانىلار، ھەدىلەر، سىڭىللار يولىڭىزغا تەلمۈرىۋاتىدۇ، ئۇلار سىز بىلەن ھال-مۇڭ ئېتىشىشنى، سىردىشىنى خالايدۇ،،،

ئىسىت، ئاتا-ئانام بار ۋاقىتتا ئەجەپمۇ ياخشى قارىيالماپتىكەنمەن،، ئەمدى ئەھۋالىم ياخشىلانغاندا بولسىچۇ كەشكى،،،دەپ پۇشۇقىنىۋاتقانلار ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ،،، ئۆز ئاتا-ئانلىرىڭىزغا قىلالمىغانلارنى پەرزەنتلەرنىڭ يولىغا تەلمۈرىۋاتقانلارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇڭ،،،

بەلكىم، ئەتە ئۈچۈن نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزۈپ بولغانسىز،، شۇ پىلانلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە مۇشۇ پائالىيەتنىمۇ قىستۇرىۋەتكەن بولسىڭىز كۈنلىرىڭىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتەر ئىدى،،،

ساناتورىيەدىكى ئاتا-ئانىلا، كەچۈرۈڭلار، بۈگۈن مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئائىلەمدىكىلەرنى ئاپىرالمىدىم. ئەتە ئائىلەمدىكىلەرنى ئاپىرىپ سىلەر بىلەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈننى ئۆتكۈزىمىز.