ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  شىنجاڭ مەدەنىيىتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
شىنجاڭ مەدەنىيىتى
دىن خىزمىتىنى قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك
ۋاقتى : 2015-04-10 10:49:39  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ


  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خىزمەتلەرنى دىن قانۇنىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەجرىبىلەرنىڭ تۈپ يەكۈنى. بىز چوقۇم بۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتى

  دىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىكى سىرلىق كۈچ ۋە سىرلىق مۇھىتقا بولغان ئېتىقادى ۋە چوقۇنۇشى بولۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش كاتېگورىيەسىگە تەۋە.

  دىن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن، ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلىشىدۇ، ئاخىرىدا يوقىلىدۇ. دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ.

  دىننىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋال تېپىشى ئۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىشىغا باغلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالىغان دىن گۈللىنىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغانلىرى زاۋال تاپىدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ. بۇ دىن تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتى.

  ئىككىنچى، دىننىڭ «بەش خاراكتېرى» نىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان تەلىپى

  دىن قانۇنىيىتى ئارقىلىق دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاۋۋال دۆلىتىمىزنىڭ دىن ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، دىن خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكى، ئاممىۋىلىكى، مىللىي خاراكتېرى، خەلقئارالىقى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.


  1. دىن خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىكى

  دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى چوڭقۇر تەبىئىي مەنبەگە، تونۇش مەنبەسىگە، پىسخىكا مەنبەسىگە ۋە ئىجتىمائىي مەنبەگە ئىگە. سوتسىيالىزم شارائىتىدا دىن ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. دىنغا نىسبەتەن سەۋرچان بولۇشىمىز، ئىدىيە جەھەتتە تولۇق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  2. دىن خىزمىتىنىڭ ئاممىۋىلىكى

  دۆلىتىمىزدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس، گەرچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلىتىمىز ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاز بولسىمۇ، مۇتلەق سان جەھەتتىن كۆپ ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ سانى كۆپ، دىن مەسىلىسى توغرا ھەل قىلىنمىسا، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئېغىر زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغىمۇ ئېغىر زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئىشتا كىچىك ئىش بولمايدۇ، شۇڭا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. دىننىڭ ئاممىۋىلىكى بىزگە دىن مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىش ئەمەلىيەتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇڭا بۇ مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  3. دىن خىزمىتىنىڭ مىللىي خاراكتېرى

  دىن مەسىلىسى بىلەن مىللەت مەسىلىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر دىن مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلمىغاندا ئاسانلا مىللىي مەسىلە پەيدا بولۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا دۆلەتنىڭ بىرلىكىگىمۇ ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا دىن مەسىلىسىنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەنلا ھەل قىلماي، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  4. دىن خىزمىتىنىڭ خەلقئارالىقلىقى

  دۆلىتىمىزدىكى بەش چوڭ دىن ئىچىدە، داۋجياۋ دىنىدىن باشقا دىنلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا خاراكتېرىنى ئالغان دىنلار ھېسابلىنىدۇ. دىن مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلمىغاندا خەلقئارا مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا خەلقئارالىق تالاش - تارتىش پەيدا قىلىدۇ.

  5. دىن خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى

  دىن مەسىلىسى مىللىي مەسىلە، تارىخىي مەسىلە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسى، خەلقئارا مەسىلە، ئىجتىمائىي مەسىلە، سىياسىي مەسىلە ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىجتىمائىي تارىخىي ھادىسە. شۇڭا دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، خۇددى لېنىن ئېيتقاندەك: دىن مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەتراپلىق ئويلىنىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك. قىسقىسى، دىن مەسىلىسىگە كەلگەندە چوقۇم ئىنتايىن پەخەس بولۇشىمىز، دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاددىي ئۇسۇل قوللانماسلىقىمىز، قوپاللىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.


  ئۈچىنچى، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىرقانچە ئۇسۇل

  1. ھۆرمەتلەش ئۇسۇلى

  دىننىڭ ماھىيىتى ئىدىيە، تونۇشتىن ئىبارەت، شۇڭا دىنغا مۇئامىلە قىلغاندا چوقۇم دىننى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئىدىيەۋىلىككە تەۋە مەسىلىلەر ۋە خەلق ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش مەسىلىلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇل، مۇنازىرىلىشىش ئۇسۇلى، تەنقىدلەش ئۇسۇلى، چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ، بۇنداق مەسىلىلەرنى مەجبۇرلاش، بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەنىدى. شۇڭا دىنغا نىسبەتەن بىز ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشىمىز، دىنغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشىمىز، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدىشىمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى زۆرۈر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىز، ھەمىشە ئاددىي بولغان باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانماسلىقىمىز كېرەك.

  2. ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلى

  ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئىجتىمائىي كۈچ ھېسابلىنىدۇ. دىن خىزمىتىنى ئىشلەش ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش دېگەنلىكتۇر، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا تايىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز، پارتىيە بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىمىز، ئۇلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  3. يېتەكلەش ئۇسۇلى

  دىن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كەلگەندىلا، ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، بۇ ھەرقانداق دىن چوقۇم رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنىيەت. دۇنيادا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ چوڭ دىن ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستا بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزگەرمەكتە. ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئاستا بولۇشىغا زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىش جەريانىدا قىسمەن قىيىنچىلىقلارغا يولۇققانلىقى سەۋەب بولغان. شۇڭا دىنغا نىسبەتەن بىز يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق دىننى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. دىننىڭ رولىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى يېتەكلەشكە باغلىق. ھازىر يېتەكلەش بىلەن تەربىيە بېرىشنى جىددىي ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكلىشىمىز، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشىمىز، تەرتىپلىك كونترول قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ھالقا.

  4. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى

  دىننى ھۆرمەتلەش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھۆرمەتلەش، دىنىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىش دېگەنلىك ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىش دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دىننىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىككى ياقىلىمىلىقىنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر باشقۇرمىغاندا، دىننىڭ سەلبىي تەسىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ. دىننىڭ ئىجتىمائىيلىقى ئۇنى چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. ئۇنداق بولمىغاندا، دىن ئىنسانلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا، تۇرمۇشىغا ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ پايدىلىنىش قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا دىنىي پائالىيەتلەرنى چوقۇم قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ خىزمەتنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. باشقۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ھەرخىل بولۇپ، ھازىرقى قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتتە ئەڭ تۈپ ئۇسۇل دەل قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت.

  5. دىنىي زاتلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۇسۇلى

  دىنىي زاتلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى. دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، دىننىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دىنىي زاتلار دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: تەڭرىىتاغ ئۇيغۇرچە تورى