ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ماشىنىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنىڭ نېمە رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى : 2018-08-29 17:27:10  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇرۇن بىر دوستۇمغا ماشىنا كۆرۈشۈپ بەرگىلى 4S دۇكانغا بارغاندا، مەندىن ئاپتوموبىلدىنكى كىچىك ئۇچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنىڭ نېمە رولى بارلىقىنى سورىغان. ئاڭلىسام كېيىن ئۇ دوستۇم ئاچقۇچنى ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇنتۇپ قېلىپ، زاپاز ئاچقۇچنى تاپالماي، جىلە بولۇپ بولقا بىلەن بۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنى چېقىۋېتىپتۇ، نەتىجىدە رېمونت قىلىدىغان ۋاقىتتا رېمونتچى ئۇنىڭغا بۇ ئەينەك ئەڭ قىممەت ئەينەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇنداقتا بۇ ئەينەكنىڭ زادى قانداق رولى بار؟

ئۈچ بۇلۇڭنىڭ دېرىزىنىڭ رولى

11111.png


ئادەتتە بۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئىشىكىكىنىڭ تۈۋرۈكى بىلەن A تۈۋرۈك ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ جايدا دېرىزە تەسىس قىلىشنىڭ مەقسىتى ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىنىڭ زىيادە ئەگرى بولۇپ كېتىپ، شوپۇرنىڭ يان تەرىپىدە كۆرۈنمەس رايون پەيدا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا بۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزە شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، شوپۇر ئەتراپنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىپ، كۆرۈنمەس رايون سەۋەبىدىن ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

بۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىدىن باشقا، يەنە بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزە بار، ئۇ ئارقا ئىشىكتە بولۇپ، لايىھەسىدىن قارىغاندا پەقەت ئاپتوموبىلنى تېخىمۇ كۆركەپ قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭمۇ ئىشلىتىش ئورنى بار، ئۇ بولغاچقا ئەينەك چىقىپ-چۈشكەن ۋاقىتتا تېخىمۇ راۋان ۋە مۇقىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا C تۈۋرۈكتە بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزە بار، ئۇنىڭ ئاساسلىقى رولى ئارقا رەت ئورۇندۇققا يورۇقلۇق چۈشۈرۈش ھەمدە يولۇچىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنىڭ باھاسى قىممەت

ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزە گەرچە كىچىك بولسىمۇ، باھاسى ئەرزان ئەمەس، ئۇنىڭ باھاسى ئاپتوموبىلدىكى باشقا چوڭ دېرىزىدىنمۇ قىممەت! نېمە ئۈچۈن؟ ئاساسلىق سەۋەبى ئۈچ بۇلۇڭلۇق دېرىزىنىڭ ئۆزىلا يېپىق دېرىزە بولۇپ، لايىھەلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالماشتۇرۇش نىسبىتىمۇ چوڭ دېرىزىدەك يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا سەپلەش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇر دوستلار بۇ نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئەھۋالغا يولۇقسىمۇ ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئەينەكنى چاقماسلىقى لازىم.

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg