ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
بىر ئەر 890 كىلوگىرام تەڭگە پۇلنى ئاجرىشىش پۇلى قىلدى
ۋاقتى : 2018-08-27 16:56:25  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

جاكارتا پوچتا گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا ياۋا ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت مەمۇرى سۇراۋىتو يەرلىك سوتقا بىر زور سوممىلىق پۇلنى ئەۋەتكەن، پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 890 كىلوگىرام كېلىدىغان بولۇپ 150 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى (تەخمىنەن 70 مىڭ يۈەن)گە توغرا كېلىدىغان تەڭگە پۇل ئىكەن، سۇراۋىتو بۇ پۇلنى سابىق ئايالىغا ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىنكى بېقىش پۇلى سۈپىتىدە بەرگەن بولۇپ، سوت خىزمەتچىلىرى بۇ 14 خالتىغا قاچىلانغان تەڭگە پۇلنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئېڭەكلىرى چۈشۈپ قالاي دېگەن.

001.jpg

بۇ يىل 5-ئايدا سۇراۋىتو سابىق ئايالى خېرمى سېتيوۋاتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغان بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئايالىغا توققۇز يىل سەل قارىغان دەپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە 178 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى (تەخمىنەن 80 مىڭ يۈەن) بېقىلىش پۇلى بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

سۇراۋىتو مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت بىر ئادەتتىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، مەن بۇنچە كۆپ پۇلنى بىراقلا توپلاپ بولالمايدىغان تۇرسام؟» تەلىيىگە سۇراۋىتو ياخشى ئادەم بولغاچقا، دوستلىرى ئىئانە توپلاش شەكلىدە ئۇنىڭغا مەبلەغ توپلاپ بېرىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە 150 مىليون ھىندونېزىيە تەڭگە پۇلى ۋە بىر قىسىم قەغەز پۇللارنى توپلاپ بەرگەن.

 

8-ئاينىڭ 23-كۈنى كارون گانىئار سوتىدا سۇراۋىتو ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستى ھارۋىغا بېسىلغان 14 خالتە تەڭگە پۇل ۋە 2000  ۋە 100 مىڭ ھىندونېزىيە رۇپىيەسى قىممىتىدىكى قەغەز پۇللارنى ئېلىپ كەلگەن، پۇللارنىڭ ئېغىرلىقى 890 كىلوگىرام كېلىدىكەن.

بۇ ئىش سۇراۋېتۇ بىلەن خېرمى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان، چۈنكى ئىككىلا تەرەپ بۇ پۇلنى ساناپ چىقىشنى خالىمىغان. خېرمى بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلدا بېقىلىش پۇلىنى چىقىم قىلىش ئۆزىگە ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارىغان.

 

خېرمى ئاخىرىدا بۇ زور سوممىلىق پۇلنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۇ «بەك ئوڭايسىزلاندىم، مېنىڭچە ئۇ مېنى بىر تىلەمچى كۆرۈپ قاپتۇ» دېگەن.

ئەمما سۇراۋىتوغا نىسبەتەن بۇ پۇلنى تېپىش ئاسانغا توختىمىغان بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن پۇل ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئىكەن.

 يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg