ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
سېنى تارتىۋالاي دېگەنىدىم، قولۇڭ نەدە دوستۇم؟
ۋاقتى : 2018-08-11 18:43:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 سېنى تارتىۋالاي دېگەنىدىم، قولۇڭ نەدە دوستۇم؟

سېنى تارتىۋالاي دېگەنىدىم، قولۇڭ نەدە، دوستۇم.
مۇنداق بىر نەچچە خىل ئادەمگە دەخلى قىلماسلىقىمىز كېرەك:
ئارزۇسى يوق ئادەمگە دەخلى قىلماسلىقىمىز كېرەك؛
باھانىسى بەك كۆپ ئادەمگە دەخلى قىلماسلىقىمىز كېرەك؛
مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ئادەمگە دەخلى قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ما يۈن مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزگەرتىش ئازابلىق بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتمەسلىك، ئۆزگەرمەسلىك تېخىمۇ بەك ئازابلىق!»
ئۆزى تىرىشمايدىغان، تىرىشىشنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ قولىدىن تارتىۋالاي دېسىڭىزمۇ قولىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تاپالمايسىز!

كەسىپتە ھەقىقىي ئۇتۇق قازىنالايدىغان ئادەم زادى قانداق بولىدۇ؟
1. يالغۇزلۇققا چىدىيالايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلىغان ئادەم چوقۇم غېرىبلىققا بەرداشلىق بېرەلىشى، يالغۇزلۇققا چىدىيالىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە چوقۇم چىدامچان بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا نىشان-مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن باشقىلار ئارامخۇدا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىز يەنىلا يالغۇز ھەم ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئادەم بۇ جەرياندا ناھايىتى غېرىبلىق ھېس قىلىدۇ. بىراق ئەگەر بىز مۇشۇ ۋاقىتتىن چىداپ ئۆتۈپ كەتسەكلا باشقىلاردىن زور ئۇتۇق قازىنالايمىز.

2. غېرىبلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
تۇرمۇش، خىزمەت، كەسىپ ئۈچۈن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇپ ئۇلارغا ھەمراھ بولالمايمىز. چۈنكى بىز چوقۇم شۇ يېقىنلىرىمىزغا ھەمراھ بولىدىغان، ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمىزنى ئاجرىتىپ خىزمەت، كەسپىمىزگە بېغىشلىشىمىز كېرەك. بۇنداق جەرياندا ئادەم قانداقمۇ غېرىبلىق ھېس قىلماي تۇرالىسۇن؟ بىز مۇشۇنداق غېرىبلىققا چىدىيالامدۇق؟
3. ئازابقا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
كىشىلىك ھايات يولى ئەگرى-توقايلىققا تولغان بولىدۇ. يول بويى ئېگىز-پەسلىك، ئوڭۇشسىزلىق، كۆز ياشلىرى ھەمدە ھەرخىل ئازابتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.
ئازاب كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇنداق ئىككى خىل نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ: بىرى دىلى سۇنۇپ روھى چۈشكۈنلىشىش، يەنە بىرى بولسا تېخىمۇ قەيسەر ھەم كۈچلۈك بولۇش.
بىز ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ سۇلغۇن بولۇپ كېتەمدۇق ياكى تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ كۈچلىنەمدۇق؟ بۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلىشىمىز ياكى بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىمىزگە باغلىق!

4. بېسىمغا چىدىيالايدۇ.
كىشىلىك تۇرمۇشتا بېسىم بولمىسا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ بولمايدۇ. بۇ پىرىنسىپنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بېسىمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ياكى ۋاز كېچىشنى تاللايدۇ. پەقەت بىز روھىي ھالىتىمىزنى رۇسلاپ، سوغۇققانلىق بىلەن بېسىمغا يۈزلىنەلىسەك، ئاندىن بۇ خىل بېسىم بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلىشىمىزدا زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ رولىنى ئوينايدۇ.
5. ئېزىقتۇرۇشلارغا يولۇققاندا ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىدۇ.
ئادەم ئىش قىلغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەقەت بىز چىڭ تۇرۇۋاتقان ئىش توغرا، دۇرۇس ئىش بولسىلا قىسقا ۋاقىتلىق ئازاب تارتساقمۇ چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىمىز، داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئەگەر بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمىز خاتا ئىش بولسا قىسقا ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىش بولسىمۇ چوقۇم شۇ خۇشاللىقتىن ۋاز كېچىپ قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىشىمىز لازىم!
تۇرمۇشتا ھەرخىل تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلار مەۋجۇت ئەلۋەتتە. ئەگەر نىيەت-مەقسىتىمىزنى مۇستەھكەم قىلمىساق بۇ ئېزىقتۇرۇشلار ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئىلگىرلەۋاتقان قەدەملىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، ھەتتا بىزنى مېڭىۋاتقان يولىمىزدىن ئېزىقتۇرۇپ شۇ قىسقا مۇددەتلىك پايدا-مەنپەئەت قاينىمىغا ئىتتىرىۋېتىشى مۇمكىن.

بۇنداق تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇشلارغا يولۇققاندا بىز چوقۇم بۇرۇنقىدەك ئۆزىمىزنىڭ توغرا پىرىنسىپىمىز ۋە غايىمىزدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
6. قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتىكى ھەربىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت، ھەربىر قېتىملىق ياش تۆكۈش ۋە تەر ئاققۇزۇشلار ئادەمنى ھەمىشە توختىماي دېگۈدەك قىينايدۇ، ئازابلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان يولىمىزمۇ چاتقال، تىكەنلەرگە تولغان بولىدۇ. بىراق مۇشۇنداق سان-ساناقسىز قىيناشلارنى، ئازابلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا بىز شۇنىڭ ئىچىدىن تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.
بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساق بولىدۇ، بىز مۇشۇنداق ئارقا-ئارقىدىن كېلىدىغان ئازابلارغا چىدىيالامدۇق؟ ساناقسىز قىيناشلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ دۇرۇس يولىدا چىڭ تۇرالامدۇق؟
7. زەربىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
باشقىلارنىڭ بەس-بەستە مەسخىرە قىلىشلىرى ۋە تەنە گەپلىرىنى ئاڭلىغاندا، خېرىدارلارنىڭ قايتا-قايتا زەربە بېرىشلىرىگە يۈزلەنگەندە بىز يەنە بەل قويۇۋەتمەستىن بەرداشلىق بېرەلەمدۇق؟
بىز يەنە دەسلەپكى قىزغىنلىقىمىزنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە ئۆزىمىزنىڭ نىشان-مەقسىتىدە چىڭ تۇرالامدۇق؟
بىز نىشانىمىزنى قىلچە بوشاتماستىن داۋاملىق تەدبىرلىرىمىزنى ئىلغارلاشتۇرۇپ ھەم ئاشۇرۇپ ماڭالامدۇق؟
بازار ئېچىش جەريانىدا خېرىدارلار قىلچە تۈزۈت قىلماستىن بىزگە «يوقال» دېمەكچى بولغاندا بىز قانداق بىر كەيپىياتتا بولۇشىمىز مۇمكىن؟
بىز يەنە داۋاملىق خېرىدارنى ياكى ئىستېمالچىنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنامدۇق ياكى قۇيرۇقىمىزنى قىسىپلا تىكىۋېتەمدۇق؟ مەيلى بىر شەخس بولسۇن ياكى كوللېكتىپ بولسۇن ھەممىسى زەربە بىلەن پىشىپ يېتىلەلمىسە چوقۇم مۇشۇ زەربە ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ!

8. يۈز-ئابروينى قايرىپ قويۇشنى بىلىدۇ.
يۈز-ئابروي، ئىناۋەت دېگەننى ئادەم ئۆزى تاپىدۇ، باشقىلار بەرمەيدۇ. يۈز-ئابرويىنى چۈشۈرۈۋېلىشتىن ئەنسىرىگەن، قورققان ئادەم ئۆمۈرلۈك ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ! مەغلۇپ بولۇشتىن قورققان ئادەم مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ!
يۈز-ئابرويىنى چۈشۈرۈۋېلىشتىن قورقۇش كۆپىنچە ئەھۋالدا ھالىغا باقماي ئۈستۈن قىياپەتتە بولۇۋېلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ، ھەم بۇنداق بولغاندا ئادەم ئىناۋىتىنى تېخىمۇ بەك چۈشۈرۈۋالىدىغان گەپ!

9. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدۇ.
«مەسئۇلىيەت» دېگەن بۇ سۆز تۇرمۇش ھەم خىزمەتتە دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلەرنىڭ بىرى، بۇ ھېچقايسىمىزغا يېڭىلىق ئەمەس ئەلۋەتتە. مەسئۇلىيەت دېگەن بۇ سۆزگە شىنخۇا لۇغىتىدە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قىلىپ بولالمىغانلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈلگە سەۋەنلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دەپ ئىزاھات بېرىلگەن.
مەسئۇلىيەت مۇنداق 3 تۈرگە بۆلۈنىدۇ: ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت، شىركەتتىكى مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيەت.
ئائىلىدە بىز پەرزەنت، ئاتا-ئانا، ئەر-خوتۇن دېگەندەك روللارنى ئوينايمىز؛ شىركەتتە بولسا خىزمەتچى خادىم، باشقۇرغۇچى خادىم، رەھبەر ياكى خوجايىن دېگەندەك روللارنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز؛ جەمئىيەتتە بولسا پۇخرا، ئادۋوكات، مۇئەللىم ياكى كارخانىچى دېگەندەك روللارنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز.
ئىشقىلىپ ھەربىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان سورۇندا ئوخشىمايدىغان روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن بىز شۇ روللار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ھەرىكىتىىمز بىلەن ئادا قىلالىدۇقمۇ؟
10. روھلۇق بولۇشى كېرەك.
بىز ئۇدا بىر قانچە كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ھېرىپ-چارچاپ كەتكەندىن كېيىن يەنىلا نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن قايتىدىن ئۆزىمىزنى رۇسلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن روھلۇق بولالىدۇقمۇ؟

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg