ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
تاماق ئېتىلمەيدىغان ئۆيدىكى ئەر-ئاياللار راستتىنلا تېزلا ئاجرىشىپ كېتەمدۇ؟
ۋاقتى : 2018-07-07 12:49:41  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
 20180620182514419.jpg
شاۋشىڭدىكى مەلۇم بانكىدا ئىشلەيدىغان 25 ياشلىق ۋاڭ جى 2015-يىلى ئۆزىدىن بىر ياش كىچىك سەنئەتخۇمار خىزمەتدىشى شياۋمو بىلەن تونۇشۇپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇيۇقسىز توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرىمۇ بىر قىسىم ياردەملەرنى قىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك قورودىن بىر يۈرۈش نەپىس بېزەلگەن ئۆينى سېتىۋالدى.
توي تۈگكەندىن كېيىنكى شۇ كۈنى شياۋمو ھاراقنى جىق ئىچىۋېلىپ، ئاشقازىنى ئاغرىپ، شوۋگۈرۈچ ئىچمەكچى بولدى. بىراق ئەزەلدىن تاماق ئېتىپ باقمىغان ۋاڭ جىڭ شوۋگۈرۈچ قىلماقچى بولدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشخانىدا تاماق قىلىشى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قالدى.
كىچىكىدىن باشلاپلا ۋاڭ جىڭنىڭ ئائىلە شارائىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى چوڭلار قىلىپ بېرەتتى. ئاشخانا ئۇنىڭغا نىسبەتەن «چەكلەنگەن رايون»غىلا ئوخشاش، تامىقىنىمۇ ئاپىسى تەق قىلىپ ئەكىلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ يولدىشى شياۋمونىڭمۇ ئائىلە مۇھىتى ۋاڭ جىڭنىڭكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.
 تويدىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھەر كۈندىكى ئەتىگەنلىك تامىقىنى ئۆينىڭ ئاستىدىكى ناشتىلىق دۇكىنىدىن سېتىۋېلىپ، چۈشلۈك تاماقنى ئاشخانىدا بىر تەرەپ قىلدى. كەچلىك تاماقنى بولسا ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنى قېينئاپىسىنىڭكىدە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئاپىسىنىڭكىدە يەپ، قالغان يەكشەنبە كۈنىدە مۇقىم ئاشخانىغىلا يۈگۈرەيدىغان بولدى.
ئاخىرى، ئەر ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ۋاڭ جىڭمۇ دەرھال قوشۇلدى. «مەن ئاشخانا ئۆينى يىغىشتۇرغاندىلا، ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلىپ بولغانىدىم». چۈنكى ئۈچ يىل بۇرۇن توي قىلغاندا سېتىۋالغان ئاشۇ يوغان بىر خالتا گۈرۈچ يەنە شۇ پېتى ئاشخانىنىڭ ئىشكابىدا قىمىرىلىماستىن تۇراتتى.
كىچكىمدىلا ئاپامنىڭ: «تاماق ئېتىلمىگەن ئۆينىڭ ئىللىقلىقى بولمايدۇ»، «سىرتنىڭ تامىقى دېگەن بىلەن، يەنىلا ئۆيدە بىرەر ۋاق تاماق يېگەنگە يەتمەيدۇ» دەيدىغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. كېيىن بارا-بارا چوڭ بولۇپ تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى، خىزمەت ياكى باشقا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن گەرچە كۈندە دېگۈدەك ئۆيدە تاماق قىلالمىساممۇ، بىراق ئارام ئالغان چاغلاردا بولسىمۇ، بىرەر ۋاق تاماق قىلىشنى ئادەت قىلدىم.
 
دىمسىمۇ شۇنداق، ھازىرقى جەمئىيىتمىزدىكى بىر قىسم ئائىلىلەردىكى بالىلاردا ھەتتا بىر خالتا تۇزنىڭ قانچە پۇللۇقىنىمۇ بىلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئەلۋەتتە بۇ بىر قىسمەن ھادىسە خالاس. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دېيىشى نورمال ئەھۋال. بىراق 30 ياشقا كىرەي دېسىمۇ، بىرەر ۋاق تاماقنى جايىدا ئوڭشاپ ئېتەلمىسە، يەنە ئاپىسىنىڭ ئۆيىدەتاماق يەپ يۈرسە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ قاملاشماي قالىدۇ. شۇڭا مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلىرىغا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى بولسىمۇ ئۆگىتىشى كېرەك. بۇ باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، ھېچ بولمىسا، مەيلى قەيەردىلا بولمىسۇن، ئۆزىنى خار قىلىپ قويمايدىغانغا بولسىمۇ ئەسقېتىپ قالىدۇ.
يارپ تورى تەھرىرى
1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg