ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
قىزلارنىڭ ئەڭ توي قىلغۇسى كېلىدىغان بۇ ياش مەزگىللىرىنى بىلىۋېلىڭ
ۋاقتى : 2018-07-03 15:45:36  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەرلەر ئەگەر توي قىلىشقا ئالدىرىسا چوقۇم توغرا قارار چىقىرىشى كېرەك. نېمىلا دېگەنبىلەن بەزى ياش باسقۇچىدىكى خانىم-قىزلار توي قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەكىسچە بەزى ياش باسقۇچىدىكى خانىم-قىزلار توي قىلىشنى شۇنداق خالايدۇ. چوڭلارنىڭ دېگىنىدەك، ئوغۇل بالا چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، قىز بالا چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. ئاياللار 30 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان بۇ ياش باسقۇچىدا مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى فىزىئولوگىيە جەھەتتىن بولسۇن ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ، نىكاھ ئىشىغا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، ھەرگىزمۇ يېنىكلىك قىلمايدۇ. سىزنىڭ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندە خانىم-قىزلارنىڭ توي قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ياش باسقۇچلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. ۋاقتى كەلگەندە مۇۋاپىق ياشتىكى خانىم-قىزلار بىلەن توي ئىشىڭىزنى پۈتۈشسىڭىز ئوڭۇشسىزلىقلارغىمۇ ئازراق ئۇچرايسىز.

1. 30 ياش

ئاياللار داۋاملىق يالغۇز ئۆتىۋەرسە غېرىبلىق، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ. ھەم كۈنسېرى ئېشىۋاتقان فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجى تۈپەيلى توي قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياشتىكى قىزلارنىڭ دوستلىرى ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان بولىدۇ، توي قىلمىغانلىرى ئاز ساندا قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۇلارنىڭ تېزراق توي قىلىش خىيالىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئاتا-ئانىسى، ھامما-تاغىلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭمۇ توي قىلىشقا قىستاشلىرى بار تېخى. ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئۆز كۆڭلىدىكى گاڭگىراشلارلا ئەمەس سىرتقى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلىدىن بېسىم چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشتىكى خانىم-قىزلارمۇ توي قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. ئەرلەر 30 ياشلىق ئاياللار بىلەن مەيلى توي قىلسۇن ياكى مۇھەببەتلەشسۇن 20 ياشلىق قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاددىي ھەم ئاسان بولىدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن ئەمدى 20 ياشتىن ئاشقان قىزلارنىڭ توي قىلىش ئىستىكى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

2. 35 ياش

35 ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ تېخىچە توي قىلمىغان ئايالنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئولتۇرۇپ قالغان قېرى قىز دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇ ياشتىكى ئاياللار ئۆزىنى تۇتىۋالغان بولىدۇ، بالدۇرراق توي قىلىپ ئۆزىنىڭ بويتاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تېزراق لايىق تاللاش كويىدا بولىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا لايىق تاللاشتىكى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ياشتىكى ئاياللار تۇغۇت يېشىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا بويتاق ئەر بەك ناچار بولمىسىلا 35 ياشلىق ئاياللار توي قىلىشنى ئويلىشىدۇ. 35 ياشلىق خانىم-قىزلار ئۆزىنى ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئويلىشىپ توي قىلىپ، ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ دېگەن گەپنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىدۇ.

3. 40 ياش

40 ياشلىق ئاياللار يەنە يالغۇز، بويتاق ئۆتۈۋەرسە قېرىلىقىنىمۇ يالغۇز ئۆتكۈزىدۇ دېگەن گەپ. نېمىلا دېگەنبىلەن ياش ۋاقتىدا ئەر-خوتۇن بولسا قېرىغاندا بىر-بىرىگە ھەمراھ بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ. بۇ ياشتىنمۇ ئۆتۈپ كەتسە ئايال كىشى لايىق تاللاش ئۆلچىمىنى ھەرقانچە تۆۋەن قىلغان تەقدىردىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپمىقى بەك تەس بولىدۇ. پەقەت ئوخشاش ياشتىكى بويتاقلارنى ياكى ئىككىنچى قېتىم توي قىلماقچى بولغانلارنى تاپالىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال كىشى 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ھەرخىل فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى جەھەتتە ئاجىزلايدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن يىللار ھېچكىمگە رەھىم قىلغان ئەمەس. چىرايىدا قورۇقلارمۇ كۆپىيىدۇ، ھەرقانچە ئاسرىغان بىلەنمۇ كار قىلمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ توي، نىكاھ ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان دەسمايىسىمۇ خورايدۇ. دەسلەپتە ئەرلەرنى ياراتمىغان بىلەن كېيىن ئەرلەر ياراتمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپ. مۇشۇنداق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى 40 ياشلىق ئاياللار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى ياتلىق قىلىشنى ئويلايدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg