ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
52 ياشلىق ئايالنىڭ قورسىقىدىن 15 يىل بۇرۇنقى ھامىلە بايقالدى
ۋاقتى : 2018-07-01 15:52:11  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ماخاراشتىرا (Maharashtra) ئۆلكىسىدىكى مەلۇم كىچىك كەنتتە ياشايدىغان 52 ياشلىق ئايالنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قورسىقى ئاغرىپ قۇسۇپ كەلگەن. ئۇ يېقىندا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ قورسىقىدا 4 ئايلىق ھامىلىنىڭ بارلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇ ھامىلىغا ئاللىقاچان 15 يىل بولغانلىقىنى بايقىغان.

ئىسىم-فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ ھىندىستانلىق ئايال ئىپادە بىلدۈرۈپ، 15 يىل بۇرۇن ئۆيىدىكىلەرنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى تۇغۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭلاشقا ئۇ تۇغۇت دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولغان. لېكىن شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ قورسىقى توختىماي ئاغرىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئاغرىق توختىتىش دورىسى ۋە كىسلاتالىق دورىلارنى بەرگەن. ئۆتكەن 3 يىل مابەينىدە، ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قۇسۇشى ئۈزۈلمىگەن.

دوختۇرلار بۇ ئايالنى رېنتىگىنگە سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، تاشقى كېسەللەر دوختۇرى نىلېش جۇنانكار (Nilesh Junankar) مۇنداق دېگەن: «بىز تەكشۈرۈپ بۇ ئايالنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۈچەي يولىدا تاشقا ئوخشايدىغان نەرسە بارلىقىنى بايقىدۇق». دوختۇرلار تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ بۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئاللىقاچان كالىتسىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دوختۇرلارمۇ قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.

ئىككى دوختۇر بۇ ئايالنى دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىلغان ھەم 2 سائەتتىن ئۇزاقراق ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئېلىۋەتكەن. تاشقى كېسەللەر دوختۇرى نىلېش جۇنانكار مۇنداق دېگەن: «بىز ئوپېراتسىيە جەريانىدا بۇ ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئاللىقاچان كالىتسىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتۇق. بۇ بىمارنىڭ ئادىتى توختاپ كەتكىنىگە ئاللىقاچان 5 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاللىقاچان بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقانىدى.». 

ھامىلىنىڭ كالىتسىيلىشىپ كېتىشى ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۆتكەن 400 يىلدا پەقەت 300 قېتىملا كۆرۈلگەن. دوختۇر نىلېش تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «دوختۇرلار ئەينى چاغدا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھامىلىنىڭ بۇ ئايالنىڭ قورسىقىدا يەنىلا بارلىقىنى ئۇقماي قالغان». بۇ ئايال دوختۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئون نەچچە يىللىق ئاغرىق ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا چەكسىز مىننەتدار بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. 

يارپ تورى تەھرىرى

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg