ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىز كۆپەيگەن
ۋاقتى : 2017-10-16 00:00:55  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 يېقىندا گۇاڭجۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى ئويۇشتۇرغان « مەكتەپتىكى ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش» تېمىسىدىكى گۇاڭجۇ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش جامائەت پاراۋانلىقى مۇنازىرلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلىنى مەجبۇرى تەكشۈرتۈش زۆرۈرمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى باشلىقى ۋاڭمىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نىشانى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« گەرچە ھازىرغىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق تەرەققى قىلىش يۆنىلىشى كۈندىن- كۈنگە يامانلىشىپ بېرىۋاتىدۇ.»
ۋاڭمىن مۇنداق دەيدۇ: ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسى يول بىلەن تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇللار ئىچىدىكى تەرەققىياتى كۈندىن- كۈنگە يامانلاشماقتا. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزىقىش ۋە دوراش جەريانىدا ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللىمەكتە. 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەللىك تارىخى 2008-يىلىدىكى 101 دىن 2012-يىلىدىكى 203 كە يەتكەن بولۇپ، ھەر يىلى ئىككى پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇغۇچىلار كېسەللىك تارىخى 2008-يىلىدىكى 7 دىن ئۆتكەن يىلىدىكى 25 كە ئۆرلىگەن بولۇپ، جەمئىي 111 گە يەتكەن.
ۋاڭمىن مۇنداق دەيدۇ:« ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىق ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇللارغا مەركەزلەشكەن». بۇرۇنقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. بىراق ھازىر تەكشۈرگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، گۇاڭجۇدىكى 40 نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە يۇقۇملانغۇچىلار 10 نەچچە ئىكەن.
ۋاڭمىن مۇنداق دەيدۇ: ھازىر گۇاڭجۇدىكى ئەڭ مۇھىم ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئوخشاش جىنىستا مۇھەببەتلىشىدىغان ئوغۇللار ئىچىدىكى قورقۇنچلۇق تارقىلىش سۈرئىتىنى كونتىرول قىلىش. ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان كوللىكتىپ بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ بىخەتەر بولمىغان جىنسى ئالاقە قىلىشى. ھازىر ئالىي مەكتەپتىكى قىز- ئوغۇللار ئارىسىدا تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۇقۇمى بولغاچقا، ئادەتتە تۇغۇتتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىدۇ، بىراق ئوخشاش جىنىسلىق مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇللاردا بولسا تۇغۇتتىن ساقلىشى ئۇقۇمى بولمىغاچقا، ئۇلار ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمايدۇ. ۋاڭمىننىڭ دېيىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گەرچە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپنى قوبۇل قىلدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئۇقۇمى يېتەرلىك ئەمەس، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى خالىمايدۇ، مەسىلەن، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتكە بولغان پوزىتسىسى كۈندىن- كۈنگە كۈچەيمەكتە، بىراق ئالىي مەكتەپنىڭ جىنىسى تۇرمۇش دەرسلىكى بولسا ئىنتايىن ئارقىدا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يامانلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەر.
ۋاڭمىننىڭ دېيىشىچە، بۇ كوللىكىتپ ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش شەخسى مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى. سەۋەبى بولسا جەمىيەتنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىشى. مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار پاراڭلىشىش توپى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بەلگىلىك مۇددەتتە تەكشۈرتۇپ تۇرۇش، ۋاقتىدا دورا يېيىش، جىنسى يول بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش قاتارلىق ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg