ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ھاراق ئىچىشنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تەسىرى
ۋاقتى : 2017-10-15 23:59:36  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  ئىسپىرت بولسا ۋىرۇسنىڭ يېمەكلىكى . تەجرىبىخانىدا ئىسپىرتنى ئەيدىز ۋىرۇسى بار پىروبىركىغا قۇيغاندا ، ئەيدىز ۋىرۇسى كۆپ مىقداردا كۆپىيىدۇ .
ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلىتىپ ، تامىقىنى ئازلىتىۋېتىدۇ ، نەتىجىدە ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھايۋاناتلارغا ئېلىپ بېرىلغان بەزى تەجرىبىلەردىن ، بىز تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە ئېرىشەلەيمىز :
1. ئىسپىرت ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ .
2. ئىسپىرت ۋىتامىن E ۋە سىنىك ماددىسىنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3. ئىسپىرت ئۈچەينىڭ ئىممۇنىتىت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .
4. ئىسپىرت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ .
5. ئىسپىرت ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ .

ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg