ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئوتلاقتا ئۆردەك بېقىپ چېكەتكە يوقىتىش ئۇسۇلى
ۋاقتى : 2017-08-22 15:10:30  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ئوتلاقتا ئۆردەك بېقىپ چېكەتكە يوقىتىش ئۇسۇلى توخۇ بېقىپ چېكەتكە يوقىتىش تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان بىيولوگىيەلىك چېكەتكە يوقىتىش ئۇسۇلى. بىر ئۆردەك 70 كۈندە بىر گېكتار ئوتلاقتىكى چېكەتكىنى يوقىتالايدۇ.
1. ئوتلاقتا ئۆردەك بېقىپ چېكەتكە يوقىتىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى
بۇ خىل ئۇسۇلنى دېڭىز يۈزىدىن ئانچە ئېگىز بولمىغان، يەر شەكلى تۈز ھەم تەكشى، كەڭ، چاتقالسىز، قاتناش قولايسىز، سۇ مەنبەسىگە يېقىن يەرلەردە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2. باشقۇرۇش ئۇسۇلى
ئۆردەك بېقىپ چېكەتكە يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا ئۆردەك توپى بىرلىك قىلىنىپ، ھەر بىر ئۆردەك توپىدىكى 2000 دىن 3000 غىچە بولغان ئۆردەكنى ئىككىدىن ئۈچكىچە ئادەم مۇقىم باشقۇرسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
چېكەتكە يوقىتىدىغان ئۆردەكلەرنى تاللاشتا ئاسان سېتىلىدىغان، ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى ئۆردەك نەسىللىرىنى تاللاش كېرەك.
چېكەتكە يوقىتىدىغان ئۆردەكلەرنىڭ يەتتە كۈنلۈك چۈجىسىگە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىلار ئەملىنىدۇ. توخۇلاردەك كۆندۈرۈش ھاجەتسىز بولۇپ، ئون كۈنلۈكتىن 20 كۈنلۈككىچە بولغاندا ئوتلاققا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ.
3. ئۆردەكنى ئوتلاققا قويۇپ بېرىپ چېكەتكە يوقىتىش
ئۆردەكنى ئوتلاققا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن چېكەتكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ئۆردەك توپىنى ئوتلاققا قويۇۋېتىش ۋاقتى، چېكەتكە يوقىتىش لىنىيەسىنى بېكىتىش؛ يەر شەكلىگە ئاساسەن ئۆردەكلەرگە ئاددىي لەمپە ياساپ، سۇدان، يەمدانلارنى قويۇپ قويۇش، ئۆردەك توپى چېكەتكە يوقىتىشتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دەرھال سۇ بېرىش، سەھەردە، چۈشتە، كەچتە ئۈچ ۋاق قوشۇمچە ئوزۇق تولۇقلاشقا، كەچتە لەمپىگە كىرگەندىن كېيىن تويغۇدەك ئوزۇق يېيىشىگە ۋە يېتەرلىك سۇ ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، چۈشتە ھاۋا ئىسسىق، تېمپېراتۇرا يۇقىرى كۈنلىرى يايلىتىشقا چىقارماسلىق، ئۆردەك توپىنى لەمپىدە ئەركىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، چۈشتىن كېيىن ھاۋا سالقىنراق بولغاندا 1~ 2 قېتىم يايلىتىپ كېلىش، ھاۋا ياخشى كۈنلىرى لەمپىلەرنى شامالدىتىپ، ئاپتاپقا سېلىش ئارقىلىق لەمپىنىڭ زەيلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆردەكلەرنى يايلاتقاندا بۈركۈتنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، بىر رايوندىكى چېكەتكە يوقىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا باشقا ئوتلاققا كۆچۈش، كۆچكەندە ھاۋا ئوچۇق، سالقىن كۈنلەرنى تاللاش، ئۆردەكلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىگە %0.05لىك مارگانسوپ ئېرىتمىسى قوشۇش، ئۈچەي يوللىرى كېسەللەنگەن ئەھۋال بايقالغان ھامان ئايرىپ بېقىش، ۋاقتىدا مال دوختۇرى چاقىرىپ داۋالىتىش كېرەك.