ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
ئاياللار 30 يېشىدا ئەڭ جەلىپكار بولىدىكەن
ۋاقتى : 2017-08-07 09:52:03  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  ئەنگىلىيە « كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ 20-مارت خەۋەر قىلىشىچە، « Allure » ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى 2000 ئادەمگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاياللار 30 يېشىدا ، ئەرلەر 34 يېشىدا ئەڭ جەلىپكار بولىدىكەن .

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى 30 يېشىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن ، 41 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قېرىلىق ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن ، 55 يېشىدا قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن . ئەكىسچە ئەرلەر 34 يېشىدا ئەڭ جەلپكار بولۇپ كېتىدىكەن ، 43 ياشتىن باشلاپ قېرىلىق ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن ، 59 يېشىدا قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن .