ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
كۆرۈمسىز بەدەن شەكلى ۋە ساغلاملىق
ۋاقتى : 2017-06-30 12:39:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ساغرىسى يوغان بولسا ، قان تومۇرلار ياخشى بولىدۇ . ئادەمنىڭ ساغرىسى قانچە يوغان بولسا ، بەدەندىكى ‹‹ ئەسكى خولېستېرىن›› نىڭ مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ ، ‹‹ ياخشى خولېستېرىن›› مىقدارى كۆپىيىدۇ –دە ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرىنىڭ قېتىشىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ .
بەدىنىدە خال كۆپ ئادەم ئاسان قېرىمايدۇ . خالسىز ئادەملەرگە قارىغاندا ، خالى كۆپ ئادەم ئالتە ، يەتتە ياش كىچىك كۆرۈنىدۇ ، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە ئوخشاش ياشانغانلاردا بولىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئازىيىدۇ .
يوغان بۇرۇن ئادەم ئاسان زۇكام بولمايدۇ . بۇرۇن قانچە يوغان بولسا ، بۇرۇن ئارقىلىق بەدەنگە كىرىدىغان چاڭ–توزان شۇنچە ئاز بولىدۇ ، ھەتتا كېسەللىك ۋىرۇسلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ ، شۇڭا بۇرنى يوغان ئادەملەرنىڭ زۇكام ياكى يۇقۇچان كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ .
پۇت بارمىقى قىسقا ئادەم تېز يۈگۈرىدۇ . پۇت بارماقلىرى ئۇزۇن بولسا ، بارماقنىڭ مۇسكۇل ۋە ئىسكىلىت بىلەن تۇتۇشۇش دەرىجىسى چوڭ بولىدۇ ، شۇڭا ، يۈگۈرگەندە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، تېخى بۇنداق پۇتنىڭ سىلكىنىشنى پەسەيتىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ .
قۇلىقى يوغان ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ . ئادەمنىڭ قۇلىقى قانچە يوغان بولسا ، قۇلاق قوبۇل قىلالايدىغان ئاۋزانىڭ سۈزۈكلۈكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ، شۇڭا قۇلىقى يوغان ئادەم قېرىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئەقلىنى يوقىتىش كېسىلىدىن يىراق تۇرىدۇ .