ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
بۇرۇنغا قاراپ سالامەتلىككە ھۆكۈم قىلىش
ۋاقتى : 2017-06-27 15:42:57  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   مۇبادا ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئىششىپ قالسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىششىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، دەرھال داۋالىتىپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
   ئەگەر ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى قېتىپ كەتكەن بولسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ قىزىل قان تومۇرلىرى قاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن ، شۇڭا دەرھال داۋالىنىش كېرەك .
   بۇرۇننىڭ ئۇ يەر ، بۇ يېرىدە ئىششىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە يۈرىكىدە مەسلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ، دەرھال داۋالىنىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
 بۇرۇندا زىيادە قىزىللىق بولسا ، بۇ شۇ ئادەمنىڭ يۈرەك ، قان تومۇرلىرىدا چاتاق بارلىقى ، بۇرنىدا قوڭۇر كۆك ياكى قارا رەڭنىڭ پەيدا بولۇشى ، شۇ ئادەمنىڭ تال ، بۆرەك ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدا مەسلە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ، بۇرۇندا ئۇششاق مۇنەكچىلەر پەيدا بولۇپ قالسا ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ بېشارىتى ، شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا داۋالىتىپ خەتەردىن ساقلىنىش كېرەك .