ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق مۇھىتى
ساغلاملىق مۇھىتى
تاماكا ئىسى ۋە بالىلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكى
ۋاقتى : 2016-05-04 11:03:31  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : يارپ

تاماكا ئىسى بىلەن ئىسلىنىش بالىلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكىنىڭ باش سەۋەبچىسى
 

  گۇاڭجۇ نەپەس يوللىرى كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا «بالىلار نەپەس يولى ساغلاملىقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاق تاشلىق كىتاب»ى ئېلان قىلىندى، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەنىلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئۆي ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئىچىدە تاماكا ئىسى ئەڭ ئاساسلىق قاتىل بولغان.

  ئاق تاشلىق كىتابتىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆل ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى % 51.87نى ئىگىلىگەن. نەپەس يولى بولسا سىرت بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغان سىستېما بولۇپ، بالىلارنىڭ نەپەس يولى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆي ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80تىن ئاشىدۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى بولسا بالىلارنىڭ نەپەس يولى ساغلاملىقىغا تېخىمۇ روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.