ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
%60 تويغىدەكلا تاماق يېگەندە 20 يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ
ۋاقتى : 2017-09-06 15:41:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ» خەۋىرىدە 2012-يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى يازلىق كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاز غىزالىنىش ئۇزۇن ياشاشقا پايدىلىق، تاماقنى %40 ئاز غىزلانسا، يەنى %60 تويسا، كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى 20 يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
   ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى، ئېرسىيەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆمۈرگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، قېرىشقا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ئۇسۇلنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن. ئۇلار مۇنۇلارنى بايقىغان: تەجرىبە قىلىنغان چاشقاننىڭ يېمەكلىكىنى %40 كېمەيتكەندە، ئۆمرى %20-%30 ئاشقان، بۇ نەزەرىيە يەنە ئىت قاتارلىق باشقا ھايۋانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇنى ئىنسانلارغا تەدبىقلىغاندا، %20-%30 ئۆمرى 20 يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنگە باراۋەر بولىدىكەن.
   ئالىملار دورا ئارقىلىق داۋالاش ۋە يېمەكلىكنى تەڭشەش ئۇسۇلى بىلەن چىۋىن ۋە تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقان ئىكەن، بۇ خىل ئۇسۇل ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈمىدى بار ئىكەن.