ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
كۈز پەسلىدە ئاشقازاننى ئاسراڭ
ۋاقتى : 2017-08-31 12:57:32  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   كۈز پەسلىدە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاجىزلايدىغان پەسىل، بۇنداق چاغدا سەھەردە شورپا ئىچسە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ.
    كوممىقوناق ئۇنى ـ تاتلىق بەرەڭگى شورپىسى: كوممىقوناق ئۇنىدا ماي يوق بولۇپ، تاتلىق بەرەڭگىنىڭ ئاشقازاننى تازىلاپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇر قېتىشىش، زىيادە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
   كۈنجۈت شورپىسى: كۈنجۈت بىلەن گۈرۈچنى قاينىتىپ ئىچكەندە، باش قېيىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، چاچ بالدۇر ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   نېلۇپەرـ گۈرۈچ شورپىسى: نىلۇپەر گۈرۈچ شورپىسىنىڭ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدۇ.