ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ئەتراپىمىزدىكى ئادەمگىياھ ــ ئاق تۇرۇپ
ۋاقتى : 2017-02-22 11:34:09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   كونىلاردا ‹‹قىشتا تۇرۇپ، يازدا زەنجىۋىل يېسەڭ، دوختۇرغا ھاجىتىڭ چۈشمەيدۇ›› دەيدىغان گەپ بار. ئاق تۇرۇپنىڭ بۇنداق تەرىپلىنىشىگە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەب بولغان:
   بىرىنچى، تۇرۇپ ياكى ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە قەنت پارچىلىغۇچى ئېنزىملار بار. بۇ خىل ئېنزىملار يېمەكلىك تەركىبىدىكى كىراخمال قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ پارچىلىنىپ، ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پايدىلىق ماددىلارنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە قىچا يېغى بولۇپ، ئۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى.
   ئۈچىنچىدىن، ئاق تۇرۇپنىڭ يەلنى ھەيدەش ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، زەھەرنى قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەمنى ھەيدەپ، يۆتەلنى توختىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
   تۆتىنچىدىن، ئاق تۇرۇپ تەركىبىدە لىگنىن ۋە باشقا ئېنزىملار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئالاھىدە ياخشى. ئاق تۇرۇپ يەنە قورساق كۆپۈپ تاماق سىڭمەسلىك، يۆتەل، تال – جىگەر خىزمىتى ئاجىزلاش، كۆكرەك چىڭقىلىش، بەلغەم توختاپ قېلىش، دوۋساق ۋە سۈيدۈك يوللىرىدا تاش پەيدا بولۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، بەزگەك قاتارلىقلارغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.