ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ساغلاملىق خەۋەرلىرى
ئۆسمە كېسەللىكى ئاغرىقلىرى غەمخورلۇققا ئېرىشىدۇ
ۋاقتى : 2015-04-22 14:23:47  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۆسمە كېسەللىكى ئاغرىقلىرى غەمخورلۇققا ئېرىشىدۇ

  جۇڭگو ھاياتلىققا كۆڭۈل بۆلۈش جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ‹‹ئۆسمە كېسەللىكى ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قايتىدىن مۇداپىئە سېپىلى قۇرۇپ چىقايلى›› تېمىسىدىكى جامائەت پاراۋانلىقى ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدا باشلىنىش مۇراسىمى 19 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
   ئۇقۇشىمچە، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ راك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن ھەر مىنۇتتا ئالتە ئادەمگە راك كېسەللىك دىياگنوزى قويۇلۇپ، بەش ئادەم راك كېسىلى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىققا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا زور ئىقتىسادىي ۋە روھىي بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.
   تونۇشتۇرۇلىشىچە، دۆلىتىمىزدە %60 – %80كىچە بولغان ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار كېسەللىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كېسىلىنى بايقاپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. بۇ ‹‹بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش›› بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئۆمرىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %22 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
   شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى 5 – بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوكتور يېتەكچىسى گۈزەلنۇر ئابلىز مۇنداق دېدى: مەن نۇرغۇن ئۆسمە كېسەللىكى ئاغرىقىنى ئۇچراتتىم، لېكىن كۆپىنچە ئاغرىقلار كېسىلىنى ئاخىرقى باسقۇچتا بايقايدۇ، بۇ ئاغرىقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ نۇرغۇن روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ‹‹بېكەت››نىڭ قۇرۇلۇشى، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى دورا، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.