ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالامەتلىرى
ۋاقتى : 2018-10-12 17:53:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 


جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئادەتتە تۇيۇقسىز ھەم ئۈن-تىنسىز بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ كۆپىنچە بېشارىتى بولىدۇ، ئەگەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك:

  تۇيۇقسىز كۆكرەك قاتتىق ئاغرىش ياكى كۆكرەك سىقىلىش، ياكى ئاغرىق ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىش.

  ئالاقزادە بولۇش، نەپەس بوغۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، چىرايى تاتىرىش، بىئارام بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈش.

  سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا كۆكرەك-دۈمبە ئاغرىىش، مۈرە، بويۇن، بىلەك ئاغرىىش. ئاغرىقنىڭ قوزغىلىش ئالاھىدىلىكى ئادەتتە بۈگۈن بويۇن ئاغرىسا، ئەتىسى ئېڭەك ئاغرىش؛ ياكى بۈگۈن ئاغرىسا، ئەتىسى توختاپ قىلىش بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاغرىق يۆتكىلىش ئالامىتى كۆرۈلسە چوقۇم ئېتىبار بېرىپ دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك.

  ئاشقازان ئاغرىىش. سېمىزلىك كېسىلى، قان قەنتى، قاندىكى ماي، قان بېسىمى يۇقىرى بىمارلار  ھەمدە ئۈستۈنكى قورسىقى بىئارام بولىدىغانلاردا ئەگەر ئاشقازان ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى ياكى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ بەزىدە ئاشقازان كۆيۈشۈش ئالامىتى بولىدۇ.

  چىش ئاغرىش. چىش قىسقا ۋاقىتلىق ئاغرىپ، ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشسا ھەمدە بىر ھەپتە  ئىچىدە تەكرار قوزغالسا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئاغرىپ، توختاتقاندا ئاغرىمىسا، قايتا مىنگەندە يەنە ئاغرىسا شۇنداق ئەھۋالدىمۇ دىققەت قىلغان تۈزۈك.

  تەشۋىشلىنىپ ئۇخلىيالماسلىق. ئەزەلدىن ئۇخلىيالماسلىق كەچۈرمىشى بولمىغان ياكى تەسىر كۆرسىتىش ۋە تەشۋىشلەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن تۇرۇپمۇ سەۋەبسىزلا تەشۋىشلىنىپ ئۇخلىيالماسلىق بەلكىم يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىق ئادەتتىكى ئۇيقۇسىزلىققا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، خىياللىرى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كونترول قىلالماسلىق، ياكى ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان قورقۇنچ تۇيغۇسى چىرمىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

  يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش. ئەگەر يۈرەك سوقۇشى سەۋەبسىزلا تېزلىشىپ كەتسە، بۇ بىر مىنۇتتىن  ئون مىنۇتقىچە داۋاملاشسا ھەمدە جىسمانىي ئەمگەك قىلغان، كەيپىياتى ھاياجانلانغان ياكى زىيادە تويۇنۇپ يېگەندىن كېيىن يۈز بەرسە، بۇ بەلكىم بەدەن چىقارغان يۈرەك تىقىلمىسى ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن.

  ئەگەر چارچاپ، باش قايسا، ئارام ئالغاندىن كېيىنمۇ ئەسلىگە كەلمىسە، ئۇنداقتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg