ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
سول قۇلاق مۇھەببەت سۆزلىرىگە سەزگۈر ئىكەن
ۋاقتى : 2018-09-15 17:18:56  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

 ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئوڭ قۇلاق سول مېڭە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىكەن. سول مېڭە گەپ–سۆز ۋە لوگىكىلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن، شۇڭا ئوڭ قۇلاق ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇر ئاسانلا باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالايدىكەن.

 ئىتالىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، كىشىلەر ئۆتۈنمەكچى بولغان ئىشلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئېيتسا، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەكسىچە، سول قۇلاق شېرىن سۆزلەرگە سەزگۈر ئىكەن. شۇڭا قىز–يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەندە ‹‹سىزنى سۆيىمەن›› دېگەندەك شېرىن–شېكەر سۆزلىرىنى سول قۇلىقىغا پىچىرلاشسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg