ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
توردىن قېزىپ تاپقان چەتئەل دورىلىرى شۇنچە قالتىسمىكەن؟
ۋاقتى : 2018-09-08 17:04:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

1.jpg 

ئامېرىكىنىڭ بوي ئۆستۈرۈش دورىسى، كانادانىڭ بېلىق مېيى، ياپونىيەنىڭ زۇكام دورىسى، گېرمانىيەنىڭ يۆتەل دورىسى

...

نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار مانا مۇشۇنداق دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىغان، ”دېڭىزنى قېزىپ تاپقان گۆھەر“ كەبى چەتئەل دورىلىرىغا كىرىشىپلا قالدى. نۇرغۇن ئائىلىلەر چەتئەلنىڭ مۇشۇنداق دورىلىرىدىن بىر نەچچە قاپنى ساقلىۋالسا ئۆزىنى تولىمۇ خاتىرجەم، بىخەتەر ھېس قىلىشىۋاتىدۇ.

ئەمما

”دېڭىزدىن قېزىۋالغان“ بۇ دورىلارنى سىز چۈشىنەمسىز؟ 

ناۋادا بۇ دورىلارنى بالىڭىزغا خاتا بېرىپ قويسىڭىز، بۇنىڭدىن قانداق خەۋپ-خەتەرلەر تۇغۇلۇشى مۇمكىن؟

640?wx_fmt=jpeg&tp=webp&wxfrom=5&wx_lazy=1&wx_co=1

سىز ساقلاۋاتقان ئاشۇ ”دېڭىزدىن قېزىۋالغان گۆھەر“ كەبى دورىلارنى راستلا چۈشىنەمسىز؟

بالىنىڭ باشلىنىش پەللىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشىدىن قورقۇش نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىدىكى غەم. ئەمما، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى، بالا ئاغرىپ قالغاندا قانداق دورا بەرگەنلىكى جەھەتتىكى بەسلىشىشلىرى بەزىدە ئادەمنىڭ تىلىنى چىگىپ قويىدۇ.

بەلكىم بۇ دورىلارنىڭ گېرمانچە، ياپونچە، كورېيەچە يېزىلغان چۈشەندۈرۈش قەغەزلىرى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارغا خۇددى ساماۋى كىتابتەك تۇيۇلسا كېرەك!

3.jpg

بەزى تېببىي ساۋاتلارنى، دورا ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇلار بىر قارىسا بىلىدىغاندەك، يەنە بىر قارىسا بىلمەيدىغاندەك. ئۇلارغا نە دوختۇرنىڭ، نە دورىگەرنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىكى يوق.

شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا مودىغا ئەگىشىپ تورلاردىن چەتئەل دورىلىرىنى ئىزدەيدۇ. تورلاردىن سېتىۋېلىنغان بۇنداق چەتئەلچە دورىلار قانۇن قاتلىمىدىن ئېيتقاندا ”ساختا دورا“ دەپ قارىلىدۇ. گەرچە خۇسۇسىي سېتىۋېلىپ  ئىشلىتىش قانۇنسىز دەپ قارالمىسىمۇ، ئەمما دورىنىڭ تەركىبى، ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى، ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغانلار، داۋالاش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى ئېنىق ئەمەس ئەھۋالدا، سىز بۇنداق دورىنى بالىڭىزغا بېرىشكە يەنە پېتىنامسىز؟

يۈرىڭىز ئەجەب چوڭكەن!

4.jpg

”كەڭ دېڭىز ئاتلاپ كەلگەن“ بۇنداق دورىلار قانداق يۆتكەپ كېلىنىدۇ، بۇنى بىلەمسىز؟

 

دورا پۈتكۈل ساقلاش ۋە يۆتكەش جەريانىدا مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدىكى بىر مۇھىتتا تۇرۇشى كېرەك. ناۋادا تېمپېراتۇرا يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇپ قالسا دورىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

بەلكىم، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار سوغۇق تېمپېراتۇرىلىق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى دېگەننى ئۇقۇمنى بىلىشى مۇمكىن. ئەمما، مەسىلەن، تىمپىراتۇرا بەكلا تۆۋەن بولۇپ كەتسە كۆزگە تېمىتىلىدىغان دورا تۈرىدىكى بەزى دورىلارنىڭ كىرىستال تەركىبى ئاجرىلىپ چىقىدۇ-دە، بۇ دورا كۆزگە تېمىتىلغاندا، كۆزدە بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ. ھەتتا تېخى بالىنىڭ كۆز ئالمىسىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

تېمپېراتۇرىدىن سىرت، دورىنى ساقلاش ۋە يۆتكەش جەريانىدا دورىنىڭ سۈپىتىگە ھەممىدىن بەكرەك تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىل يەنىلا نەملىك. چۈنكى، نەملىك زىيادە ئېشىپ كەتسە، دورىنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى بۇزۇلۇشىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

بىر قىسىم قاتما دورىلار نەملىكنى ئاسانلا سۈمۈرۈپ ئۇيۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئاسپىرىن نەملىك سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ، تەركىبىدە ئاشقازانغا زىيانلىق بىر خىل ماددا پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، كۆپ ئۇچرايدىغان شېكەر يالىتىلغان تابلىت، كاپسۇل، تالقان دورا، كۈپۈشكە مايىل دورا قاتارلىقلاردا نەملىك زىيادە ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئورىما ماتېرىيالى ياكى تەركىبىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، دورا ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، بىر قىسىم بىيو ئاقسىل تۈرىدىكى سۇيۇق دورىلار، مەسىلەن ئىنسۇلىن، ئالاھىدە دورىلاش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى توشۇش داۋامىدا قاتتىق سىلكىنىش ياكى سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەمما، ئادەتتە سېتىۋېلىنغان چەتئەلچە دورىلار كۆپىنچە پوچتا ئارقىلىق يوللىنىدۇ ياكى ئۇنى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر چەتئەلدىن ئالغاچ كېلىدۇ. ناۋادا دورىدا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، بۇنداق دورىلارنى يېگەندىن كېيىن ناچار ئەكس تەسىر پەيدا بولسا، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھوقۇق قوغداشقا ئىمكان يوق.

5.jpg

دورىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

1. دورىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئورىمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، دورا قۇتىسى ئېقىپ قالغان ياكى ئېگىلىپ كەتكەن بولسا.

2. تابلىت، كاپسۇلىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن، تاشقى شەكلىدىن قارىغاندا يىرىكلەشكەن ياكى يېرىلغان، غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا.

3. دورا پاراشوكىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن، قاتما پەيدا بولغان بولسا.

4. دورا سۇيۇقلۇقىدا كۆرۈنەرلىك چۆكمە شەكىللەنگەن، چالغىتقاندىن كېيىنمۇ چۆكمە يوقالمىغان بولسا.

5. دورا مەلھىمىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن، لەيلىمە شەكىللەنگەن بولسا.

6. ئەسلىدە سۈزۈك بولۇشقا تېگىشلىك دورا سۇيۇقلۇقى دۇغلىشىپ قالغان بولسا.

ئەمما، بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ يەنىلا دورىنىڭ سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. دورا بىخەتەرلىكىگە نېگىزىدىن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا دۆلەتنىڭ تەستىق نومۇرى سېلىنغان قانۇنلۇق دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

 

6.jpg

ئوخشاش بىر دورا بۇيۇمىغا نىسبەتەن، نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىقدار ئۆلچىمى بىردەك بولمايدۇ؟

ئاتا-ئانىلار بۇ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى راستتىنلا چۈشىنەمدۇ؟

ناۋادا، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ دورىسى بولغان كابامازېپىنغا نىسبەتەن، مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى دۆلىتىمىزدە بولسۇن، دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە كۆرسەتمە بېرىلىدۇ. بۇ دورا ئەسلىدىنلا ئالاھىدە ئېغىر  ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەكس  تەسىرگە نىسبەتەن، ئاسىيالىقلارنىڭ ئۇچرايدىغان خەۋپ-خەتىرى ئاق تەنلىكلەر ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭكىدىن ئون ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە بۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. بۇ خەۋپ-خەتەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئادەمنىڭ گېنىغا باغلىق بولىدۇ.

شۇڭا، بۇ ھەقتە دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە تەكلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسىيادا، جۈملىدىن ئېلىمىزدە بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە، شارائىت يار بەرسە ئالاقىدار گېن تەكشۈرۈشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئەكس تەسىر خەۋپىنى تۈگىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەمما، ئاساسىي ئاھالىسى ئاق تەنلىكلەر ۋە قارا تەنلىكلەردىن تەركىب تاپقان دۆلەتلەردە، بۇ دورىنىڭ گېن سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپى نىسبەتەن كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېھتىمال ئۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلمەسلىكى مۇمكىن.

يەنە مەسىلەن، بالىلاردىكى كاناي ياللۇغىنى تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇدېسونىدنى تىلغا ئالساق، ئامېرىكىدا بۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە بالىلارنىڭ 0.2 مىللىگىرام، ھەر كۈندە بىر قېتىم دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ۋە ماركا ئوخشاش ئەھۋالدا، جۇڭگودىكى چۈشەندۈرۈشىدە 0.2 مىللىگىرامدىن 1 مىللىگىرامغىچە، كۈندە ئىككى قېتىم دەپ كۆرسىتىلگەن. كىلىنىكىلىق داۋالاشتا، جۇڭگودا دورىنىڭ ئىشلىتىلىدىغان مىقدارى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى جۇڭگودا تۇمانلاشتۇرغاندا شەكىللىنىدىغان دانچە بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئوخشاش سەۋىيەدىكى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دورا مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇڭا، ئوخشاش بىر دورىغا نىسبەتەنمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بېرىلىدىغان چۈشەندۈرۈش، كۆرسەتمىلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ناۋادا تورلارنى قېزىپ تاپقان چەتئەل دورىلىرىنى ئۆز جايىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بالىڭىزغا ئىچۈرسىڭىز، بۇ بالىڭىزغا دورىنى خاتا ئىچكۈزگىنىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

7.jpg

دورىنى خاتا ئىشلىتىشتىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

كونىلاردا زەھەرسىز دورا بولماس دەيدىغان گەپ بار. دورىنى خاتا ئىشلىتىش يېتىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە دىسلىغاندەكلا بىر ئىش. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن كىشىلەر چەتئەلدىن سېتىۋېلىنغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دورا ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىلىرىگە سەل قارايدۇ. مەسىلەن، دورىنى قانداق ئادەملەرگە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئەھۋالدا، ئىشلەتكەندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدە رېئاكسىيە يۈز بېرىشى، ھەتتا ئادەم ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

لېكىن بۈگۈنكىدەك مېدىتسىنا ۋە دورىگەرلىك شارائىتىدا، بالىلار دورىسىنىڭ ئەكس تەسىرىنى توسۇۋالغىلى بولىدىغان ھېچ قانداق ئامال يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىمىز كېرەك.

8.jpg

بالىلار دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشنىڭ يوللىرى

بالىلارغا دورا بەرگەندە ئىمكانقەدەر مەخسۇس بالىلارغا ئىشلەنگەن دورىلارنى تاللاش كېرەك. كونىلاردا دورىنى مۇسكۇلغا ئۇرغاندىن ئىچكەن ياخشى، ئاسما قىلىپ ئاسقاندىن مۇسكۇلغا ئۇرغان ياخشى دەيدىغان گەپ بار. بالىلارغا دورىنى دوختۇر ۋە دورىگەر دېگەندەك كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا بېرىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا دورا بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئەكس تەسىر كۆرۈلۈۋاتامدۇ دېگەن گۇمان تۇغۇلغاندا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. كەسىپ سىرتىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاددىي پىرىنسىپ مۇنداق: يېنىك دەرىجىدىكى ئالامەتلەرنى ئاۋۋال كۆزىتىپ بېقىشقا بولىدۇ، ناۋادا ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يانسا ياكى يوقىلىپ كەتسە، دورىنى داۋاملىق بېرىشكە بولىدۇ؛ ئالامەت داۋاملاشسا ياكى ئېغىرلاشسا، ياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلسە دورىنى دەرھال توختىتىش ۋە دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

9.jpg

قانۇنلۇق بالىلار دورىلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

قانۇنلۇق دورىلارنىڭ قېپى سىرتىدا ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تەستىقلىغان دۆلەت دورا نومۇرى بولىدۇ. بۇ دورا نومۇرىنى ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىنى ئېچىپ ئىزدەپ باقساق، دورىغا ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز، قىسمەن دورىلارغا نىسبەتەن، ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىمۇ ساختىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىسىنى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.

10.jpg

تەھرىر ئىلاۋىسى: 

گەپنى يىغىپ ئېيتساق، بىز يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ دورىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تەركىبلىرىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىنى، دورىنى ئىلمىي ئىشلىتىشىنى، ئۈنۈملۈك دورا ئىشلىتىشىنى، قارىغۇلارچە مودىغا ئەگىشىپ چەتئەل دورىلىرىغا ئ‍ېسىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ مودىغا ئەگىشىپ چەتئەل دورىلىرىغا قارىغۇلارچە ئېسىلغاندىن كۆرە، بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئائىت ۋە ساۋاتلار ۋە تېببىي ساۋاتلارنى كۆپرەك ئۆگىنىۋالغىنى، شۇنىڭدەك بالا ئاغرىپ قالغاندا كەسپىي بالىلار دوختۇرىنىڭ پىكىرىگە كۆپرەك قۇلاق سېلىپ، بالىنىڭ كېسىلىگە ئىلمىي نەزەردە قارىغىنى ياخشىراق.

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg