ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ھامىلە نېمە ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىغا تېپىدۇ؟
ۋاقتى : 2018-09-05 17:03:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1536147627752&di=

ھامىلىدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسى تۇنجى قېتىم تەپكەن ۋاقىتتا ھەم ھەيران قالىدۇ ھەم خۇشاللىققا چۆمىدۇ، بۇ ئانىغا قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ تەدرىجىي يېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنداقتا ھامىلە نېمە ئۈچۈن ئانىنىڭ قورسىقىغا تېپىدۇ؟ بىر مۇتەخەسسىس زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ھەرىكەت بوشلۇقى ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېپىش ھەرىكىتى بوۋاقنىڭ ئۇستىخىنى ۋە ئومۇرتقىلىرىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. «تۇغۇت ئىلمى ۋە ئاياللار كېسەللىكى ئىلىمى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھامىلە يەتتە ھەپتىلىك بولغاندىن باشلاپ بالىياتقۇدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدىكەن، شۇ ۋاقىتتا ئۇلار بوينىنى ئاستا-ئاستا ئىگەلەيدىكەن.

 

يۇقىرىقى سۈرەت ماگنىتلىق رېزونانس سىكاننىرىدا كۆرسىتىلگەن ئوخشىمىغان يېتىلىش باسقۇچىدىكى ھامىلىنىڭ تېپىش ھەرىكىتى. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 20 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ تېپىش كۈچى ئىككى كىلوگىرامغا، 30 ھەپتىلىك ھامىلىنىڭ تۆت كىلوگىرامغا يېتىدىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن تېپىش كۈچى يەنە ئىككى كىلوگىرامغا تۆۋەنلەيدىكەن.

ھامىلىنىڭ تەدرىجىي يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرىكىتىنى تەدرىجىي كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن: كېكىرىش، چۈشكۈرۈش ۋە بارمىقىنى شوراش. ئەمما 16-18 ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتتا ھامىلە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئانا مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بىر قىسىم روشەن ھەرىكەتلىرىنى سېزەلەيدۇ. مەسىلەن: تېپىش ۋە مۇشتلاش دېگەندەك.

 

ھامىلىمۇ چېنىقىشقا موھتاج

ئەنگلىيە لوندون ئىمپېرىيە ئىنژېنېرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ جانلىقلار ئىنژېنېرى نىئام نوۋلان مۇنداق دېدى: «ھامىلىنىڭ دەسلەپكى بىر قىسىم ھەرىكەتلىرى نوقۇل ھالدىكى شەرتلىك رېفلېكس بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، ئەمما كېيىنكى ھەرىكىتى تېخىمۇ ماسلىشىشچان. بۇنىڭدا چوڭ مېڭە ھەرىكەت مىقدارى ۋە بوشلۇقىنى كونترول قىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.» ھامىلىنىڭ ئانا قورسىقىدىكى شەرتلىك رېفلېكسى يىلىكتىن كېلىدىغان بولۇپ، چوڭ مېڭىگە بېقىنمايدىكەن.

نىئامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىملار بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئاكتىپ ياكى پاسسىپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما بۇ تەتقىقات ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ھامىلە تۇغۇلغاندىن كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ئاندىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىكەن. ھامىلە ھەرىكىتى يېتەرلىك بولمىسا بىر قىسىم تۇغما كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدىكەن، مەسىلەن؛ بوغۇم قىسقىراش، ئۇستىخان نېپىزلەپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك ئاسان سۇنۇش ئەھۋاللىرى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھەرىكەت بوشلۇقى كىچىكرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تېپىش ھەرىكىتى بوۋاقنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە بوغۇملىرىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

2001-يىلى «ئىنسانلار ھامىلىسى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى» ناملىق ژۇرنالدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئوغۇل بالىنىڭ ھامىلىدىكى ھەرىكىتى قىز بالىدىن كۆپرەك بولۇشى، 20 ھەپتىلىك، 34 ھەپتىلىك ۋە 37 ھەپتىلىك بولغان ئوغۇل ھامىلىنىڭ پۇت ھەرىكىتى قىز ھامىلىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ھامىلىنىڭ تېپىش ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك

نىئامنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلە قورساق ئىچىدە تەپكەن ۋاقىتتا، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سېزىمى ئوخشاش بولمايدىكەن. مەسىلەن: ئاياللار ئىككى قېتىملىق ھامىلىدار بولۇش جەريانىدا بىرىنچى قېىتملىقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككىنچى قېتىملىقىدا ھامىلىنىڭ تېپىشىگە بەكرەك سەزگۈر بولىدىكەن.

 

نىئام ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ تېپىش كۈچى ئىككى كىلوگىرام، 30 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنىڭ تېپىش كۈچى تۆت كىلوگىرام بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى كىلوگىرامغا تۆۋەنلەيدىكەن. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، پائالىيەت بوشلۇقى كىچىكلەيدىغان بولغاچقا، ھەرىكىتىمۇ ئاجىزلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ھەرىكىتى تېپىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ھامىلە يېتىلىپ 15 ھەپتىلىك بولغاندا مۇشتىلاش، ئاغزىنى ئېچىش ۋە يۇمۇش، بېشىنى مىدىرلىتىش، بارمىقىنى شوراش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ھامىلە يەنە كۆزىنى ئېچىپ-يۇمالايدۇ. ئەمما ھامىلار ئايال پەقەت بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن: تېپىش، مۇشتلاش، ھەتتا كېكىرىش ھەرىكەتلىرىنى سېزەلەيدۇ.

نىئامنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلە يەنە «نەپەسلىنىش ھەرىكىتى» قىلالايدىكەن، ئەمما ھامىلە ھاۋادىن نەپەسلەنمەيدىكەن، ئەمما ھەرىكىتى ئوخشايدىكەن، ئۇلار باش سۈيىدە نەپەسلىنىدىكەن. نەپەسلىنىش ھەرىكىتى قىلمىغان ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن نەپەسلىنىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى يېتىلىش جەريانىدا كۆكرەك مۇسكۇلى شەكىللەنمەيدىكەن.

ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى ھەرىكىتى ھامىلىدار ئايالدا ئىنتايىن ئۆزگىچە سېزىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ پەقەت ھامىلىنىڭ ساغلام يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.

 يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg