ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئىچىڭىزدە سېسىپ كەتسىمۇ باشقىلارغا دېسىڭىز بولمايدىغان سۆزلەر
ۋاقتى : 2018-08-06 18:06:57  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

11111.jpg
1. باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ.
كونىلاردا «ئاياغقا چەم كېرەك، ئادەمگە يۈز كېرەك» دېگەن گەپ بار، ھەممە ئادەم يۈز-ئابروي قوغلىشىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماڭ، مەخپىيەتلىكلىرى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلماڭ.
2. ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ.
باشقىلار ماختىغان بىلەن ئۆزى ماختىغان ئوخشاشمايدىغان ئىككى ئۇقۇم، ئۆزىڭىزنى ماختاپ ئۇچۇرغىنىڭىز يېرىم چېلەك سۇ شالاقشىيدۇ دېگەندەك مەنە ئىپادىلەپ قويىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئابرويىڭىز بولمايدۇ.
3. قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
گەپنى ئاز قىلىڭ، ساز قىلىڭ. قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلسىڭىز باشقىلارغا تېتىمايدۇ، سىزدىن زېرىكىدۇ، ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان بولىدۇ، قىممىتى يوق پاراڭلار ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپلا قالماي باشقىلارنىڭ قۇلىقىغىمۇ زۇلۇم بولىدۇ.

4. باشقىلارنى رەنجىتىدىغان سۆز قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ئېغىز ئىتتىكلىك قىلىپ باشقىلارنى رەنجىتىپ قويماڭ، ئەگەر قەستەن دېگەن بولسىڭىز ئاچچىقىڭىزغا ھاي بېرىڭ، ئېغىز يۈگۈرۈكىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، باشقىلارنى بىر نېمە دەۋالغانغا سىزنىڭ بىر يېرىڭىزمۇ ئارتۇق بولۇپ قالمايدۇ، ئەكسچە باشقىلارغا ئىچى تار تەسىرات بېرىپ قويىسىز. ئەگەر چاقچاق ئورنىدا دېگەن بولسىڭىز تېگىدىغان جايىغا قىلىڭ، كۆتۈرىدىغان ئادەمگە ۋە ياكى يېقىنلىرىڭىزغا قىلىڭ، چۈنكى سىز چاقچاق تەرىقىسىدە دېگەن گەپنى باشقىلارنىڭ چاقچاق مەنىسىدە ئاڭلىشى ناتايىن، شۇڭا ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك، بىراۋنىڭ مىجەز-خۇلقىنى تولۇق چۈشىنىشتىن بۇرۇن گەپ-سۆزدە پەخەس بولغىنىڭىز ياخشى، بۇ سىزنى بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلايدۇ.
5. چوڭلارغا بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان سۆزلەرنى دېيىشتىن ساقلىنىڭ.
بۇ يەردىكى چوڭلار ئاتا-ئانىلىرىڭىز ۋە ئاكا-ھەدىلىرىڭىزنىلا ئەمەس يەنە خىزمەت جەريانىدىكى باشلىقىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەيلى ئۇ سىزدىن چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ھۆرمىتىنى قىلىڭ، خاتا گەپ قىلسا توغرىلاپ ئاڭلاڭ، ئىدىيەرىڭىزدىن ئۆتمىگەن ئىش بولسا ئايرىم تۇرۇپ يۈز تۇرانە دەڭ، ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا داۋراڭ سالماڭ، بىر ئىشلاردا كەمتەر بولۇش كىشىلەرنى نۇرغۇن خاتالىقلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ.

6. باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ.
كونىلاردا «ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا» دېگەن گەپ بار، تۇرمۇشتا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ، بۇ سىزنىڭ قانچىلىك ئېسىلزادىلىقىڭىزنى ئىپادىلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە سىزنى قارشى تەرەپتىنمۇ تۆۋەن ساپالىق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئسىپاتلاپ قويىدۇ.
7. سەت گەپلەرنى ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ.
دەز كەتكەن ئەينەكنى چاپلىسىمۇ ئەسلىگە كەلمىگەندەك، ئېغىزدىن چىققان گەپ مەيلى مەقسەتلىك ۋە ياكى مەقسەتسىز دېيىلگەن بولسۇن ئېغىزدىن چىققان ھامان قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، شۇڭ گېپىڭىز سەۋەبلىك قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى ئازار يېسە بەلكىم بىر ئۆمۈر ئىچىدە قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىردەملىك ئاچچىقنى دەپ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg