ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
خوشاللىق بىلەن خاپىلىق مەڭگۈ بىر تۇغقان، ئەھمىيەتلىك ياشاڭ!
ۋاقتى : 2018-08-04 17:25:39  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

微信图片_20180804172639.jpg

ھاياتلىقتا مۇنداق ئىككى نەرسىنى ساقلىغىلى بولمايدۇ-سالامەتلىك بىلەن ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش.
سالامەتلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپ تەكىتلەشنىڭ ئورنى يوق، ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى سالامەتلىك. سالامەتلىك بولمىسا قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق ئارزۇ-ئارمان بولۇپ قالىدۇ. ياش ۋاقتىڭىزدا ساغلاملىقىڭىز بەدىلىگە پۇل تاپقىنىڭىز بىلەن قېرىغاندا شۇ پۇللارغا ساغلام بەدەن سېتىۋالالمايسىز. زىممىڭىزدىكى يۈك قانچە كۈچەيگەنسېرى سالامەتلىكىڭىزگە شۇنچە بەك ئېتىبار بېرىڭ، ئۆمرىڭىزنى بىھۇدە خوراتماڭ، تېمەن ۋاقىتلىرىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ چېنىقىڭ، يۈگۈرۈڭ، ياخشى ئاساس تىكلەڭ.
ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق، كېيىن قىلىۋالىمەن، ئېتىۋالىمەن دېگەن بىلەن ۋاقىت بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئاتا-ئانىڭىزغا ۋاپادارلىقىڭىزنى يەتكۈزۈۋېلىڭ، بولمىسا بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسىز، سىز ساقلىيالىغان بىلەن ئاتا-ئانىڭىز ساقلىيالماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا سىزنىڭ مال-دۇنيارىڭىز كېرەك ئەمەس، ھايات ۋاقىتلىرىدا سىزنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقىنىڭىزنى، نەۋرىلىرىنى كۆرۈپ باغرىغا باسالىسا شۇ سىزنىڭ كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ۋاپادارلىقىڭىز، ۋاپادارلىقنى ھەرگىز پۇلغا باغلىۋالماڭ، روھىي جەھەتتىكى ۋاپادارلىق ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىڭ، زېرىكتۈرمەڭ، بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويۇڭ، پۇل بېرىپ باشقىلارغا قىلغۇزغاندىن مىڭ ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ.

ھاياتلىقتا مۇنداق ئىككى نەرسىدىن قورقسىڭىز بولمايدۇ-ئۆلۈم ۋە يالغۇزلۇق:
ئۆلۈم ھەممىمىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان قانۇنىيەت، بۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، قوبۇل قىلماقتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. بىز ھاياتىمىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بەلگىيەلمەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلىيەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئىسراپ قىلغۇدەك ئۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز يوق، ھاياتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ۋە ئورۇنلۇق ئىشلارنى قىلىشقا سەرپ قىلىپ ئۆتكۈزسەكلا ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مەردانە تۇرۇپ: «تەييارلىقىم پۈتتى» دېيەلەيمىز.
يالغۇزلۇقنىڭ مەنىسى ئوخشىمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىر كىشىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئىشلىرى ۋە ئوي-تەپەككۇرى ئوخشاشمايدۇ. ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلىق كۆرىدىغان كىشىلەر بەلكىم تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز بىر ئاماللارنى قىلىپ يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئەمەس بەلكى مۇشۇ تىنىچلىققا سۈكۈت قىلىشنى، مۇشۇ مۇھىتتا توغرا تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش، شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ خىيالىدىكىدەك ئادەم بولالايسىز، يالغۇزلۇق قورقۇنچلۇق ئەمەس، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق.

ھاياتلىقتا مۇنداق ئىككى ئىشنى تاللىغىلى بولمايدۇ-ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە تەلەي.
قانداق مۇھىتتا، قانداق ۋاقىتتا بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشنى بىز بەلگىلىيەلمەيمىز. بەزىلەر ئالتۇن ئاچقۇچنى تۇتقان پېتى تۇغۇلىدۇ، بەزىلەر شارائىتى ئادەتتىكى ئائىلىلەردە تۇغۇلىدۇ. قولدى ياخشى قارتنى ئويناپ ئۇتقان نوچى ئەمەس بەلكى قارتى ياخشى ئەمەس تۇرۇپمۇ ئۇتالىغان نوچى.
ھېچكىم ئۆزىنىڭ تەلىيىنى بەلگىيەلمەيدۇ، لېكىن بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشنى تاللىيالايدۇ. ئامىتىڭىز كەلمىگەندە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالالىسىڭىز بەلكىم يەنە بىر يەردىن سىزگە تولۇقلاپ بېرىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر ئىشقا ئاخىرقى خۇلاسە چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. تەلەيلىك بولسىڭىز بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ، ئاسان قولغا كەلگەن نەرسە ئاسان قولدىن كېتىدۇ، خوشاللىق بىلەن خاپىلىق مەڭگۈ بىر تۇغقان، ئېھتىياتچان بولغانغا ھېچنېمە يەتمەيدۇ.


يارپ تورى تەھرىرى