ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەۋسىيە قىلغان 20 خىل خوشال ياشاش ئادىتى
ۋاقتى : 2018-07-29 18:33:30  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1532612504061&di=

1. مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولسۇن.
قەدىمىڭىزنى ئاستىلىتىپ ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ ھەمدە ھاياتىڭىزدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ: ياقا يولدىكى بىنەپشە گۈللەرگە، قۇياش پاتقاندىكى گۈزەللىككە، بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىڭىزنى تۈگىتىدىغان ئىسسىق مۇنچا، ھەمرىيىڭىزنىڭ كۆزلىرىدىكى تەبەسسۇمغا...مىننەتدارلىققا تولغان يۈرەك بىلەن تۇرمۇشتىكى گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىنىپ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ ھەمدە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىسىڭىز، تەبىئىيلا ھالدا بەختكە چۆمۈلىسىز.

2. دوستلىرىڭىزنى ئەقىل بىلەن تاللاڭ.
خارۋاردنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، شەخسنىڭ بەختىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل كىشىلىك مۇناسىۋەتتۇر. شۇڭا سىز خوشاللىققا ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسىز، ئۈمىدۋار كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشىڭىز لازىم، ئۇلار سىزنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىڭىزدىن ھوزۇرلىنالايدۇ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق، بۈيۈك، خوشاللىق ۋە تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.


3. ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈڭ.
بىز باشقىلار ئۈچۈن مەسىلىلەرگە باشقا بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ھېسداشلىق تۇيغۇسى بىلەن ئوبيېكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلالايمىز، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتا توقۇنۇشلار ئازلاپ، خوشاللىقلار كۆپىيىدۇ.
4. ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
ئۆگىنىش بىزنى ياش ھالەتتە ساقلايدۇ، ئارزۇ بولسا بىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. چوڭ مېڭىمىز ئىشلەشكە كىرىشكەندە، خاپىلىقلارنى ئانچە بەك خىيال قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ خوشال ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا چۆمۈلەلەيمىز.

5. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
خوشال كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق ۋە جەڭلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزىنى خورلىمايدۇ ھەم چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار شۇلارنىڭ ھەممىسىگە باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسنى ئىزدەيدۇ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئادەملەردىن بولۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارنى تاۋلاپ چىقالايسىز.
6. كۆڭلىڭىز تارتقاننى قىلىڭ.
قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ھاياتى خىزمەتتە بولغاندىكىن، ئۇنداقتا بىزنىڭ كۆڭلىمىز تارتقان ئىشلارنى قىلىشىمىز بەخت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر سىز ھازىر كۆڭلىڭىز خالىغان ئىشنى قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ھازىرقى خىزمىتىڭىزدىن خوشاللىق ۋە ئەھمىيەت تېپىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ، ياكى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈڭ.
7. ھازىرقى ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ.
ئەگەر سىز ھازىر چۈشكۈنلەشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆتمۈشىڭىزدە ياشاۋېتىپسىز. ئەندىشە ۋە تەشۋىشتە بولسىڭىز، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ياشاۋېتىپسىز. ئەگەر سىز قانائەتلىنىپ، خوشاللىق ۋە تىنچلىقنى ھېس قىلغان بولسىڭىز ھازىرقى ھاياتىڭىزنى قەدىرلىگەن ھالدا ياشاۋېتىپسىز.
8. دائىم تەبەسسۇم قىلىڭ.
تەبەسسۇم غەزەپ ۋە چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېغىز بۇرجىكىنىڭ ئاددىغىينە ئۈستىگە كۆتۈرۈلىشىمۇ سىزنىڭ بەخت تۇيغۇڭىزنى ئاشۇرالايدىكەن. تۇرمۇشقا ئۇنچىۋالا كەسكىن مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ھەركۈندىكى كۈرەشلىرىڭىزدە خوشاللىق ۋە تەبەسسۇم تېپىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

9. كەچۈرىۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
9. ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ پەقەتلا ئۆزىگە بېرىلگەن جازادۇر. سىز ھەممىگە «بوپتۇلا» دەۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزگە شەپقەت قىلغان بولىسىز. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈشتۇر، ھەممىلا ئادەم خاتالىشىدۇ، خاتالىق ئارقىلىق بىز تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىلغار كىشىلەردىن بولالايمىز.
10. «رەھمەت»نى كۆپرەك ئېيتىڭ.
تۇرمۇشتىكى ياخشى تىلەكلەردىن مىننەتدار بولۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلارغا، مەيلى ئۇلارنىڭ قىلغىنى كىچىك ياكى چوڭ ئىش بولسۇن، ھوزۇرلىنىشنى بىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
11. كىشىلەر بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىشنى ئۆگىنىڭ.
بەخت تۇيغۇمىز باشقىلار بىلەن قۇرغان مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. دىققەت قىلىش ۋە قۇلاق سېلىش بۇ خىل مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان تۈگۈندۇر، شۇنداقلا بەختنى ئۆزىڭىزگە ۋە قارشى تەرەپكە ھېس قىلدۇرىدىغان ئىككى خىل مۇھىم نۇقتىدۇر.

12. لەۋزىڭىزدە تۇرۇڭ.
بىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمىز ئۆزىمىز قىلغان ۋەدىدە تۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئالىي دەرىجىدىكى كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ بەخت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارغا قىلغان لەۋزىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ.
13. چوڭقۇر خىيال.
خارۋاردنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، سەككىز قېتىمدىن كۆپرەك چوڭقۇر خىيال مەشقىگە قاتناشقانلار، ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى كونترول قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن %20 خوشالراق بولىدىكەن. چوڭقۇر خىيال مەشقى چوڭ مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇپ، سەقەنقۇر تەنچە ماددىسىنىڭ زىچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆگىنىش ۋە ئەستە قالدۇرۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم: قۇرۇلما، ئۆزىنى تونۇش، ھېسداشلىق ۋە خاتالىق ئۈستىدە ئويلىنىشلار ياخشىلىنىدۇ.
14. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈڭ.
پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىر ئىشنى قىلىۋاتقىنىڭىزدا، سىز چوقۇم خۇشال ھالەتتە بولىسىز. بىز مۇشۇ خىل ھالەتتە تۇرغاندا، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز، ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايسىز. ئاندىنچۇ؟ ئەلۋەتتە تېخىمۇ بەختلىك بولىسىزدە!
15. ئۈمىدۋار بولۇڭ.
خۇشال ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىستاكان دائىم يېرىم توشۇپ بولغان بولىدۇ. ھەر قېتىملىق خىرىس ئالدىدا، ئەگەر سىز دائىم ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئېغىپ كېتىدىغانلاردىن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى ئالماشتۇرىۋېتىڭ. ئۆزىڭىزگە ھەر بىر نەتىجىنىڭ پايدىسى ياكى شۇ نەرسىلەردىن ئۆگىنىۋالغانلىرىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. ئۈمىدۋارلىق چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تۇيغۇسىنى قوزغىتالايدۇ.
16. شەرتسىز سۆيۈڭ.
ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس. ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق نۇقسانلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ، باشقىلارغىمۇ مۇشۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇڭ. بىراۋنى شەرتسىز سۆيۈشىڭىز ھەرگىزمۇ بارلىق ۋاقتىڭىزنى شۇ ئادەمگە سەرپ قىلىۋېتىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ياكى باشقىلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشڭىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. شەرتىسىز سۆيۈش قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر.

17. ۋاز كەچمەڭ.
پۈتمىگەن لاھىيە ۋە تەكرار ئوڭۇشسىزلىق سىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭىزنى خورىتىۋېتىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىشقا نىيەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈڭ. غەلىبە قىلماي تۇرۇپ، ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەغلۇبىيەت ۋاقىتلىقتۇر، يېڭىلىش مەڭگۈلۈك. سىز پەقەت ۋاز كەچكەندىلا يېڭىلگەن بولىسىز.
18. ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىڭ.
ھەممە ئادەمنىڭ چەكلىمىلىكى بار. بەزىدە بىز تىرىشىپ بىر ئىشنى قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئىش ھەمىشە ئويلىغان يەردىن چىقمايدۇ. شۇڭا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، قويۇپ بېرىڭ. سىز بارلىق كۈچىڭىزنى چىقارغانلا بولسىڭىز، ھېچقانداق پۇشايمىنىڭىز بولمايدۇ.
19. ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ.
ساغلام بەدەن بەختلىك ھاياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئەگەر سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا، قانداقلا تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ خوشاللىق تاپالمايسىز. ياخشى ئوزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، چېنىقىڭ، ئارام ئېلىشقىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن، مېڭىڭىزدىن ۋە پىسخىكىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ.

20. قايتۇرۇشنى بىلىڭ.
ياخشى ئىش قىلىش كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاشقا كاپالەت بولىدىغان ئەڭ ياخشى چارىلەرنىڭ بىرىدۇر. كىشىلەر ياخشى ئىش قىلغاندا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ جانلىنىدۇ، بۇ خۇددى سىز مۇكاپاتلانغاندا چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلانغانغىنىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كىشىلەرگە دائىم كۆڭۈل بۆلىدىغانلار، ھېچكىمگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلاردىنمۇ خوشال يۈرەلەيدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg