ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
قانداق قىلغاندا «بېشى باش، ئايىغى تاش» بولغىلى بولىدۇ
ۋاقتى : 2018-07-27 13:16:40  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

 7427ea1214de19ab914f31.jpg

 ئەر-خوتۇن تۇرمۇش تۇتقان ئىكەن، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى نىيەت قىلىدۇ. بىراق، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق توقۇنۇش-زىددىيەتلەر كەيپىياتىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئەسلىدىكى خاراكتېرىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كۆڭۈللەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدۇ.

 ھەر ئۆيدە ئۇششاق-چۈششەك جېدەللەر بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق بۇلار تۇرمۇشىمىزدىكى يىرىك تەرەپلەرنى سىلىقلايدىغان «قۇم قەغەز» دۇر. بەزىلەر كىچىك توقۇنۇشلارنى توغرا ھەل قىلالماي، ئاخىرىدا چوڭ زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندىكى مىسالغا قاراپ باقايلى:

 ئايال: بەك ھېرىپ كەتتىم، قاچىلارنى سىز يۇيۇۋېتەمسىز؟

 ئەر: ماقۇل، قويۇپ قويۇڭ، بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى تۈگىسىلا يۇيۇۋېتەي.

 ئايال: نېمانداق تۈگىمەيدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ؟ كەچكىچە شۇنى كۆرۈپ ئولتۇرغان، قوپۇڭە، قوپۇڭ!

 ئايال بارغانچە بېرىپ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋەتتى.

 ئەر: كۆرسەم نېمە بوپتۇ؟ يۇيۇۋېتەي دېدىمغۇ؟ ئۇششاق گېپىڭىز بارغانچە تولىراپ كېتىۋاتىدۇ سىزنىڭ!

 ئايال: شۇنداق! ئۇششاق گېپىم تولىراپ كەتتى، ئەمدى قېرىدىم، بۇرۇنقىغا يەتمەيمەن، شۇنداقمۇ؟ 

 ئەر: ۋاي بولدى، بۇ ئۆيدىغۇ زادى خاتىرجەم تېلېۋىزور كۆرگىلى بولمايدۇ!...

 ...

 بەلكىم، بەزى ئائىلىلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئۇچرىشى مۇمكىن. يۇقىرىدىكى جېدەلدە ئەمەلىيەتتە ئەرنىڭ كۈتكىنى پۇتبول كۆرۈشلا ئەمەس، بەلكى ئايالىنىڭ ئۆز قىزىقىشىنى چۈشىنىشىدۇر، ئايالنىڭ مەقسىتى بولسا، مۇتلەق ئېرىگە قاچا يۇيغۇزۇشلا ئەمەس، ئېرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىش. كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تاپمىغۇچە كېسەل ساقايمايدۇ.

 زىددىيەت-توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ئالدىراپ ئىشنىڭ يۈزەكى تەرىپىگىلا قارىماڭ، بارلىق زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۆيگىنىڭىز بىلەن  «تىنچلىق»تىمۇ، «ئۇرۇش»تىمۇ بىللە تۇرالايدىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ قەلب سىرلىرىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئاڭلىيالايدىغان ياخشى ھەمراھ بولۇڭ، مانا بۇ ھەممىمىز ئارزۇ قىلىدىغان «بېشى باش، ئايىغى تاش» بولۇشنىڭ ئاساسى.