ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
كۈندۈزى مۈگدەيدىغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
ۋاقتى : 2018-07-15 18:06:44  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

3c46d84ef03017ac0d7831.jpg

كېچىسى ئۇخلىيالماي كۈندۈزى ياخشى ئۇخلاش ئۇيقۇ مەسىلىسى ئەمەس، بۇ بىر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى. كانادالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن، ئادەتتە چۈش ۋاقتىدا 20 مىنۇت ئۇخلايدىغانلار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، ئۈچ سائەت ئۇخلاپ قالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپادىكى 12 دۆلەتتە 50 ياشتىن يۇقىرى 14 مىڭ كىشىنى ئانالىز قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە، كېچىلىك ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار، كۈندۈزى مۈگدەيدىغان، چۈشلۈك ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزاق، ئۇيقۇ دورىسى ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچى لوكان مۇنداق دېگەن: بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزاق بولغۇچىلاردا ئەڭ تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلدى. ئۇيقۇنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى دەسلەپكى بەلگە بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg