ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ئاجراشقان ئەرلەر ئېيتسا بولمايدىغان سۆزلەر
ۋاقتى : 2018-07-14 11:00:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

   ئەگەر توي تۇرمۇشى ئاجرىشىشتىن ساقلىنالماي قالسا، چىرايلىقچە خوشلاشقان ياخشى، ھەرگىزمۇ بۇ سەۋەبلىك بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن، بىر ياستۇققا باش قويغان ئەمەسمۇ.

1.jpg

  ئەگەر ئاجراشقاندا قارشى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي سەت گەپلەرنى قىلسا، بۇنداق ئادەم بىلەن ئارىلىق ساقلىغان ياخشى. بەزى گەپلەرنى ئېھتىيات بىلەن سۆزلەش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاجراشقاندا ئەرلەر ئاياللارنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان بۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك:

  1. مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان

  ئاجراشقاندا ئەگەر قارشى تەرەپكە مەن ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، دېسىڭىز، ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە توي تۇرمۇشى دېگەن بىر-بىرى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بىر مەيدان كۈلكىلىك ئويۇن ئەمەس.

  2. مەن ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتىم

  ئاجراشقاندا ئەگەر قارشى تەرەپكە مەن ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتىم، دېسىڭىز، ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. بۇ سۆزنى دېگەن ۋاقتىڭىزدا توي تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىسىز. سىز ئەركىنلىككە ئېرىشىپ پۇخادىن چىققاندەك ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن، بۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدە ساقايمايدىغان جاراھەت پەيدا قىلىپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.

  3. مېنىڭ سىزنى ئەمدى پەقەت كۆرگۈم يوق

  ئاجراشقاندا ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپكە مېنىڭ ئەمدى سىزنى كۆرگۈم يوق، سىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمەڭ، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماڭ، بولمىسا ئۇ سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. بەزى گەپلەرنى ئىچىڭىزدە بىلسىڭىزلا بولدى، ئېغىزدا ئىپادىلەش ھاجەتسىز. ئەمەلىيەتتە، توي تۇرمۇشۇڭلارنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى ئاللىبۇرۇن بىر-بىرىڭلارغا ئايان بولۇپ بولغان.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg