ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بەرسە چىرايى نۇرلۇق بولىدۇ
ۋاقتى : 2018-07-06 12:09:39  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

http://218.84.156.245:8070/uploadfile/2017/1231/20171231154830596.jpg

كۈندە پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىەپ مېڭىش پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن ھەمدە ياشانغانلارنىڭ رەڭگى-روھىنى ياخشىلايدىكەن. يۈرەك رېتىمىنى مىنۇتىغا 150 قېتىم ئەتراپىدا سوقۇشىنى ساقلاپلا قالماستىن، قاننىڭ يۈرەك مۇسكۇللىرىغا يېتەرلىك ئوكسىگېن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەكنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. پاچاق مۇسكۇلى ۋە ئوشۇقنى چېنىقتۇرۇپ، ۋېنا تومۇرنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوشۇق بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى شۇكى، تىزنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ، شۇڭاتىز بوغۇملىرى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ياشانغانلارغا نىسبەتەن بۇ ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى بولالايدۇ. 

كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل: ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ ئاندىن كۈچەپ تاپىنىنى كۆتۈرۈش ئاندىن يەرگە قويۇش، بۇ ھەرىكەتنى ئۇدا تەكرار 20~30 قېتىم قىلىش، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاددىيلىقىغا سەل قارىماڭ، بۇ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسىگەندە، پاقالچاق كەينىدىكى مۇسكۇللار قىسقارغاندا قان سىقىپ چىقىرىدۇ، بۇ يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقارغىنىغا باراۋەر بولىدۇ، شۇڭا شاھمات، قارتا ۋە كومپيۇتېر ئويناپ ئۇزۇن ئولتۇرىدغانلارغا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىش ئەڭ ياخشى چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg