ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
دوختۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ساغلام 4 كۆكتات
ۋاقتى : 2018-07-02 12:56:47  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 كېسەللەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك ئېغىزدىن كىرىدۇ. بولۇپمۇ پەسىلگە قارشى مېۋە، كۆكتاتلارنى قانچە كۆپ يېسە ئادەم شۇنچە ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ.

بىراق بۇ تۆت خىل كۆكتات، مېۋىلەرنى دوختۇرلار كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە بەك زور پايدىسى بار.

1. كۆك مۇچ

كۆك مۇچنىڭ ئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرى بەك كۆپ، ئاساسلىقى گۆش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سالامەتلىككە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆك مۇچنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىنلار بار بولۇپ بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەپ نەملىكىنى يوقىتىدىغان رولى بار. بولۇپ تۇرمۇش بېسىمى ئارتىپ كەتكەن ۋاقىتتا كۆك مۇچنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ھېرىپ-چارچاشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

شۇڭا دائىم ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىگە تولىمۇ باب كېلىدۇ.

2. پېدىگەن

پېدىگەنمۇ بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پەقەت ياخشى ماسلاشتۇرۇپ قورۇيالىسىلا شۇنداق مەززىلىك، يېيىشلىك تائاملارنى تەييارلىغىلى بولىدۇ.

سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پېدىگەن قىل قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق قان-تومۇرلارنى قوغدايدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە قان-تومۇر كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پېدىگەننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش ئاقىلانە تاللاشتۇر.

3. پۇراقلىق موگو

پۇراقلىق موگونىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ تەركىبىدە كۆپلىگەن ئامىنو كىسلاتالىرى بار، بۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

يەنە بىر خىسلەتلىك رولى بولسا راك كېسىلىگە قارشى تۇرۇش. ئادەتتە پۇراقلىق موگونى كەرەپشە بىلەن ماسلاشتۇرۇپ قورۇيمىز، بۇ ئەڭ كىلاسسىك ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى. ھەم نۇرغۇن كىشىلەر دائىم يەيدىغان بىر خىل قورۇما.

20180701143833858.jpg

4. ئاچچىق كاۋا

سىز ئاچچىق كاۋا يەپ باققانمۇ بىلمىدىم. لېكىن بۇنى يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىغانلار چىقمايدىغۇ دەيمەن. چۈنكى بۇنىڭ تەمى بەكلا ئاچچىق، ئېغىزىغا سالسىمۇ ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى يۈزەكى ئەھۋال. ئاچچىق كاۋا تالنى ياخشىلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بەدەندىكى ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا يازدا ئىستېمال قىلىشقا ئاجايىپ ماس كېلىدۇ. پايدىلىق دورا ئاچچىق بولىدۇ دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. يېيىش قانچە تەس بولغان نەرسە بەدەنگە شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ. ئاچچىق بولسىمۇ چوقۇم كەم دېگەندە ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئىستېمال قىلىش كېرەك.

يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپچىلىك دائىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ، سالامەتلىككە چوقۇم مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادەتتە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندىن كۆرە سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ياخشى ئەلۋەتتە.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg