ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
بالا سەككىز ياشتىن بۇرۇن چوقۇم دادا بالىغا ھەمراھ بولۇپ قىلىدىغان 50 ئىش
ۋاقتى : 2018-06-29 11:50:28  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1530254412140&di=

لىيۇ تاڭزېڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىكەن، نۇرغۇن دادىلار بالىسىنىڭ رەسىم سىزىشىغا ياردەملەشمەيدۇ، چۈنكى دادىلارنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش، بالىسى بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز، بالىلار دادىسى بىلەن بىللە قىلغان ئىشلىرىنى ئەسلىيەلمەيدۇ.

ئەگەر سىزمۇ ئالدىراش دادا بولسىڭىز، ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلىپ، بالىڭىزغا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ ئانىسىدىن قىلىشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.

1. ھاۋارايى ياخشى چاغدا بىرلىكتە چىقىپ لەگلەك ئۇچۇرۇڭ، بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە لەگلەك ياسىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

2. رەڭلىك قەلەم تەييارلاپ، بالىڭىز بىلەن بىللە رەسىم سىزىڭ، بىللە ئارزۇيۇڭلاردىكى ئائىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىنى سىزىپ چىقىڭ.

3. يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق ئاياق كىيىپ بالىنى ئېلىپ چىقىپ يامغۇر گۈلى دەسسەش ئويۇنى ئويناڭ.

4. بىرلىكتە بىر قىسىملىق نادىر كارتون فىلىملەرنى كۆرۈڭ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ فىلىم ئىچىدىكى قايسى خىل ئادەم بولۇشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ.

5. يامغۇردىن كېيىنكى ياز كۈنلىرىدە ئۆينىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتىن قۇلۇلە تېپىپ، ئۇلارنىڭ قېپىنى قانداق يۈدۈپ ماڭىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.

6. باھار كۈنلىرى كىچىك چويلىنى ئېلىپ باغچىدىكى كىچىك كۆلچەككە بېرىپ قۇمچاق تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ كىچىك پاقىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.

7. رەڭلىك لايدىن بىللە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى قىلىڭ، توشقان، بېلىق قاتارلىق بارلىق ئۆزەڭلار ياخشى كۆرىدىغان ھايۋانلارنى ياساڭ.

8. بالىڭىز ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلارنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ.

9. بىر قىزىقارلىق ھېكايە كىتابنى تاللاپ، ئۇنىڭغا پىلانلىق ھالدا ئوقۇپ بېرىڭ.

10. ئانىسى ئاغرىپ قالغاندا، بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە كەچلىك تاماق تەييارلاپ بېرىڭ.

11. بالىڭىزنى خىزمەت ئورنىڭىزغا ئېلىپ بېرىپ خىزمەت مۇھىتىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيوتېر ئويناشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈڭ.

12. بالىڭىز بىلەن بىللى قۇراشتۇرۇش ئويۇنى ئويناپ، قۇراشتۇرۇش ئويۇنىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىڭ.

13. بالىڭىز بىلەن بىللە ماروژنى ياساڭ، ئۆزەڭلەر ياخشى كۆرىدىغان خۇرۇچلارنى قوشۇپ، تېخىمۇ ئۆزگىچە ماروژنى ياساڭ.

14.بىرلىكتە ساياھەت قىلىپ، بالىڭىزنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان قوغدىغۇچى ئىلاھى بولۇڭ. 

15.بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە چىقىپ كىيىم سېتىۋېلىڭ، ئەگەر ئوغۇل بولسا ئەرەنچە كىيىم، قىز بولسا ئەڭ چىرايلىقىنى ئېلىپ بېرىڭ.

16. دادا-بالىلار ئۇسلۇب قىلىنغان تاماقخانىدا تاماق يېگەندە، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كارتون نىقاپ تاقاڭ.

17.بالىڭىز يەسلىدىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قارشى ئېلىڭ، سىز قانچىلىك كەچ قايتىپ كېلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر ئۇخلاش ئالدىدا ئۇنى سۆيۈپ قويۇڭ.

18. بالىڭىز دائىم ئوينايدىغان دوستىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، ئۇچراشقاندا سالاملىشىپ قويۇڭ.

19. بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق تالىشىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ دادىلا بولۇپ قالماي، يەنە بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇڭ.

20. بالىڭىز ناخشا ئېيتقاندا، سىزمۇ بىرلىكتە ئېيتىشىپ بېرىڭ.

21. ئەگەر بەكلا ئالدىراش بولسىڭىز، ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىزغا تېلىفون قىلىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ.

22. كاماندروپكىدىن قايتىپ كەلگەندە كىچىك كارتا، رەڭلىك لاي دېگەندەك سوۋغات ئالغاچ كېلىڭ.

23. بالىڭىز قىلغان ئەسىرىنى سىزگە كۆرسەتكەن چاغدا، گەرچە ياخشى بولمىسىمۇ چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بىللە كۆرۈڭ.

24. يانفونىڭىز بىلەن تارتقان ئائىلە كوللېكتىپ سۈرەتنى يانفونىڭىزغا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىۋېلىڭ، ئەگەر كۆز-كۆز قىلغۇڭىز كەلسە دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ.

25.بالىڭىز بىلەن ئىككىڭلارغىلا خاس مەخپى بەلگە بېكىتىۋېلىڭ، بەزى ۋاقىتلاردا ئاپىسىدىن يوشۇرۇن كەمپۈت يېگەندە ئىشلىتىڭ.

26.بالىڭىزغا كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئوينىغان ئويۇنلىرىڭىنى ئۆگىتىپ قويۇڭ.

27. باغچىغا بېرىپ تاغقا چىقىش ماشىنىسىغا ئولتۇرغاندا، بالىڭىزغا ھېچنىمىدىن قورقماسلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىڭ.

28.بەزىدە بالىڭىز چۈشلىكى ئۇخلىمىسا، دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ھارغىچە ئويناڭ، بۇنداق قىلغاندا بالا سىزنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتىكى سەپداشتەك ھېس قىلىدۇ.

29. قىش كۈنلىرى ئۇنى چوڭ چاپىنىڭىزنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ئوراپ، بىرلىكتە ئايلىنىڭ.

30. كۆڭلىڭىز بىئارام بولغاندا بالىڭىزغىمۇ ئېيتىڭ، بالىڭىزنىڭ تەسەللىسى غەلىبە دورىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇ چوڭلارنىڭمۇ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەنسۇن.

31. بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە كۈچۈكنى يېتىلەپ ئايلىنىڭ، كۈچۈك بولمىسا ئويۇنچۇق بولسىمۇ بولىدۇ.

32. ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا، بالىڭىز بىلەن بىرلىكتە سوۋغات تەييارلاڭ.

33. بالىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، بۇنى ئۇ چوڭ بولغاندا ئېيتىپ بېرىڭ.

34. يېڭى يىل ئۆتكۈزگەندە، ئائىلىدىكىلەرگە يېڭى يىل تىلەك كارتىسى ياسىغاندا، رەسىمىنى بالىڭىزغا سىزدۇرۇپ، تىلەك سۆزىنى ئۆزىڭىز يېزىڭ.

35.بالىڭىز بىلەن توپ ئېتىشىپ ئويناڭ، ئەتىگەندە بىرلىكتە يۈگۈرەپ بېرىڭ.

36.يەسلىگە ئالغىلى بارغاندا، ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرىماي بالىڭىز بىلەن يولدا ئوينىغاچ مېڭىڭ.

37. بالىڭىز بىلەن شاھمات ئويناشنى ئۆگىنىڭ، قورشاۋ شاھمات، شاھمات، ھەربىي شاھمات، ئۇچار شاھمات قاتارلىقلاردىن ھېچ بولمىغاندا بىرىنى ئويناڭ.

38. بىرلىكتە تاققا يامىشىڭ، بالىڭىز ھېرىپ قالسا قولىدىن يېتىلىۋېلىڭ، بىرئاز يۈدۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

39. بالىڭىز ئاغرىپ قېلىپ ئوكۇل ئېسىپ قويغاندا، ئۇنىڭغا قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۇنىڭ بىلەن مۇلايىم پاراڭلىشىڭ.

40. ھەر يىلى بىر قېتىم بالىڭىز بىلەن يىراقلارغا ساياھەتكە بېرىڭ، بېرىشتىن بۇرۇن بالىڭىز بىلەن بارىدىغان جاينى بېكىتىۋېلىڭ.

41. قار ياغقاندا بالىڭىز بىلەن بىللە قار بوۋاي ياساڭ.

42. بالىڭىزنى يۇرتىڭىزغا ئېلىپ بېرىپ، بوۋا مومىسىغا ئۆزىڭىزنىڭ كىچىك ۋاقتىنى سۆزلىتىپ بېرىڭ.

43. دېڭىز بويىغا بېرىپ بالىڭىز بىلەن قۇمدا، سۇ بويىدا ئويناڭ.

44. بالىڭىز بىلەن بىللە بالىلار پەن-تېخنىكا موزىيىغا بېرىپ، پەن- تېخنىكا دۇنياسىنى چۈشىنىڭ.

45. بالىڭىزنى باغچىغا ئېلىپ بېرىپ، بىرلىكتە ئاپتاپ سۇنۇڭ، ئۇنىڭغا بېشىنى قورسىقىڭىزغا قويۇپ يېتىپ كۈن نۇرىدىن ھوزۇرلاندۇرۇڭ.

46. بالىڭىزنىڭ يەسلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تاپشۇرۇقىنى ساقلاپ قويۇڭ.

47. بالىڭىزنى مۈرىڭىزگە ئېلىپ، ئۇنى ئات مىنگەندەك ئوينىتىڭ.

48. ئەگەر قىز بولسا چېچىنى تاراپ قويۇڭ، ئوغۇل بولسا بىرلىكتە ساتراشخانىغا بېرىڭ.

49. بالىڭىز قورققان چاغدا ئۇنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى چىڭ سىقىپ قويۇڭ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg

50. بالىڭىز مېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنىڭ بىلەن تەخسىگە مېۋە تىزىش ئويۇنى ئويناپ، چىرايلىق تىزىپ چىقىڭ، ئاندىن بىرلىكتە يەۋېتىڭ.

دادىلار، سىلەر بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە بۇ ئىشلارنى قىلىپ باققانمۇ؟