ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
​بۇ تۆت ھەرىكەتنى 10 كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىز بەل-ئومۇرتقا، مۈرە قىسمىڭىز ئاغرىمايدىغان بولىدۇ
ۋاقتى : 2018-06-28 12:46:48  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 كۆپلىگەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسەن ھەرىكەت قىلغۇدەك ۋاقتى چىقمايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرخىل ساختا ساغلاملىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن بەل-ئومۇرتقا، مۈرە ئاغرىش، پۇت قىسمى زىيادە سېمىز بولۇش، ساغرا قىسمى سېمىز بولۇش دېگەندەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنداقتا ئادەتتىكى پارچە-پۇرات ۋاقىتلاردىن قانداق پايدىلىنىپ بۇ خىل ئەھۋاللارنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟

20180627183601196.jpg

تۆۋەندە بەل، دۈمبە ۋە مۈرە ئاغرىقلىرىنى يېنىكلىتىدىغان 4 تۈرلۈك ھەرىكەتنى تەۋسىيە قىلىمىز.20180627183631829.jpg

1.قارلىغاچ شەكىللىك ھەرىكەت

بەل مۈرە قىسمىدىكى مۇسكۇللار ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كۈندىلىك خىزمەتنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئەزالىرىمىزمۇ ساغلام بولمىسا بولمايدۇ. بىراق ئادەتتە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئاق ياقىلىقلاردا بەل، دۈمبە قىسىملىرىدا ئوڭايلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇچار قارلىغاچ شەكىللىك بۇ ھەرىكەت ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە ئەڭ ياخشىسى قورساق قىسمىغا ياستۇقتىن بىرنى قويۇپ قويۇش كېرەك. قول بىلەن پۇت يەر يۈزىدىن ئايرىلغاندا 5 سېكۇنت تۇرۇپ ئاندىن قول-پۇتنى قويۇش كېرەك. قېتىم سانى بولسا 10~15 قېتىمدىن تۆت نۆۋەت ئىشلەش لازىم.

20180627183631829.jpg

2.بەلنى سوزۇش

ئۇزۇن مەزگىل ئۈستەلگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا چوقۇم قوللىرىڭىزنى سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلىشىڭىز كېرەك. بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى قان ھەم قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ مۈرە قىسمىڭىز قېتىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ ھەرىكەتنى 20 قېتىمدىن تۆت نۆۋەت ئىشلەش كېرەك.

20180627183650770.jpg20180627183705207.jpg

3.بىلەكنى ئالدى-كەينىگە تاشلاش ھەرىكىتى

بىلەكنى تاشلاش ھەرىكىتى مۈرە ۋە دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ سوزۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بېلى بىلەن دۈمبىسى تېلىپ ئاغرىيدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئاغرىقنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەر قېتىم ھارغان ۋاقىتتا بۇ ھەرىكەتنى بىرقانچە قېتىم ئىشلەپ بەرگەندە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

قېتىم سانىغا كەلسەك، 20 قېتىمدىن تۆت نۆۋەت ئىشلەش كېرەك.

20180627183713732.jpg

4. پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ساغرىسىنى تولغاش

كۆپلىگەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئاق ياقىلىقلار كۈندە دېگۈدەك بەك ئۇزاق ئولتۇرىدۇ. شۇڭا بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىمۇ راۋان بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ساغرىسىنى تولغاش ھەرىكىتى قاننىڭ ئايلىنىىشنى راۋانلاشتۇرۇپ ساغرىسىنى، يوتىسىنى ئورۇقلىتىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg