ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
پىسخىكىلىق غەم، پىسخىكىلىق مەسىلە، روھىي توسالغۇ ۋە پىسخىكىلىق كېسەل قاتارلىقلارنىڭ پەرقى
ۋاقتى : 2018-06-25 13:45:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممىلا ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلمەكتە، بۇ خىل مەسىلىلەر ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىگە قارىتا ھەرخىل ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىدۇ. تۆۋەندە، پىسخىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېنىقلما بېرىشى بويىچە، پىسخىكىلىق غەم، پىسخىكىلىق مەسىلە، روھىي توسالغۇ ۋە پىسخىكىلىق كېسەل قاتارلىقلارنىڭ پەرقى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

پىسخىكىلىق غەم (ئەندىشە).

پىسخىكىلىق غەم بولسا تاشقى ئامىلنىڭ غىدىقلىشىدىن ۋاقىتلىق كېلىپ چىققان كەيپىيات مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئادەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىمۇ تەڭشىيەلەيدۇ، يېنىدىكى ئادەملەرمۇ پۈتۈنلەي چۈشىنەلەيدۇ ھەمدە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرەلەيدۇ؛ ئادەتتە ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئۇدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. زىياننىمۇ پۈتۈنلەي كەينىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ، ئادەتتە بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پىسخىكىلىق مەسىلە.

پىسخىكىلىق مەسىلىنى زور ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان روھىي زەربە قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنى ئۆزى پەرقلەندۈرەلەيدۇ لېكىن بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر پەقەت بىر قىسىم چۈشەنچە بېرەلەيدۇ، كۆپ قىسم ئەھۋاللاردا كەسپىي زاتلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا يېنىك دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. زىيىنىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ، ئادەتتە يېرىم يىل ئىچىدە ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، لېكىن يەنە ئۇزاق مەزگىللىك قىسمەن كېسەللىك ئالامىتى قېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

روھىي توسالغۇ.

روھىي توسالغۇ دېگىنىمىز روشەن خاسلىق پەرقى بولغان، بەزى يېنىك دەرىجىدىكى روھىي ئامىللار بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن، ئۇزاققا سوزۇلغان، كەڭ كۆلەملىك كەيپىيات توسالغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، لېكىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر ياردەم قىلالمايدۇ، چوقۇم پىسخىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەڭشىشىگە موھتاج بولىدۇ؛ بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نېۋرونلۇق يەتكۈزگۈچى ماددىسىدا توسالغۇسى بولىدۇ، قىسمەن زىياننى قايتۇرۋالغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن دەرىجىسى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ، بۇ خىل تىپتىكىنى نېرۋا كېسەل دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

پىسخىكىلىق كېسەللىك.

پىسخىكىلىق كېسەللىك بولسا بىلىش، ھېسسىيات ۋە ئىرادە ھەرىكىتى قاتارلىق پىسخىكىلىق جەريان توسالغۇسى بولۇپ، روھىي پائالىيىتى مۇھىت بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئادەتتە بۇنى بىمار ئۆزى پەرق ئېتەلمەيدۇ ۋە تەڭشىيەلمەيدۇ، شۇنداقلا يەنە داۋالاشنى رەت قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا بۇ خىل نورمالسىزلىقنى پەرق قىلالايدۇ، لېكىن كەسپىي بولمىغان ياردەم ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ، ھەتتا زىيانلىق بولىشىمۇ مۇمكىن؛ ئىجتىمائىي ئارىلىشىش بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولۇپ، زىياننى ئاساسىي جەھەتتىن قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك داۋالىنىش ۋە ئىجتىمائىي كۆزىتىشكە موھتاج بولىدۇ، بۇ تۈردىكىنى روھىي كېسەل دەپ ئاتايمىز.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg