ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ھاياتىڭىزدا چوقۇم توغرا ئادەم بىلەن بىرگە بولۇڭ
ۋاقتى : 2018-06-18 16:26:56  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

قانداق ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز شۇنداق ھاياتلىققا ئېرىشىسىز.
رېئاللىقتا سىزنىڭ كىم بىلەن بىرگە بولۇشىڭىز ناھايىتى مۇھىم، ھەتتا سىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ھاياتىڭىزدا غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
قانداق ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز شۇنداق ھاياتلىققا ئېرىشىسىز. تىرىشچان ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز، ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلمايسىز؛ ئاكتىپ ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز ھەرگىز پاسسىپ بولمايسىز؛ ئەقىللىق ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز ناھايىتى قالتىس ئادەمگە ئايلىنىسىز؛ ئېسىل سۈپەت ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز ئېگىز چوققىغا ئۆرلەيسىز.

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=15293206623

ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلار بىردىنبىر بىشارەتنى قوبۇل قىلىدىغان ھايۋان ئىكەن.
ئاكتىپ بېشارەت ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتى ۋە فىزىئولوگىيەسىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھالەتتە جارى قىلدۇرۇپ كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ.
پاسسىپ ئادەمدىن يىراقلىشىڭ، بولمىسا ئۇلار ئۈن-تىنسىز ھالدا سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ئوغرىلاپ، سىزنى بارا-بارا ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلاندۇرىدۇ.

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1529320764575&di=

ئاكتىپ ئادەم خۇددى قۇياشقا ئوخشاش قەيەرگە بارسا شۇ يەرنى يورۇتىدۇ. پاسسىپ ئادەم ئايغا ئوخشاش 15 كۈن قاراڭغۇ، 15 كۈن يورۇق بولىدۇ. پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، قانداق پوزىتسىيە بولسا شۇنداق كەلگۈسى بولىدۇ. خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، قانداق خاراكتېر بولسا شۇنداق ھاياتلىق بولىدۇ. 
بەزىلەر ھاياتلىقتا ئۈچ تەلەي بار دەپ قارايدۇ، يەنى: مەكتەپتە ئوقۇغاندا ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئۇچراش، خىزمەتتە ياخشى ئۇستاز ۋە ياخشى خوجايىنغا ئۇچراش، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ياخشى ھەمراھقا ئۇچراش. بەزىدە ئۇلارنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرىشى، بىر جۈملە مېھىرلىك سۆزى ھاياتىڭىزنى رەڭدارلىققا تولدۇرىدۇ.

timg.jpg

تۇرمۇشتىكى ئەڭ بەختسىزلىك بولسا يېنىڭىزدا ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، چوڭقۇر بىلىملىك كىشىنىڭ كەم بولۇشىدىن ھاياتىڭىزنىڭ ئاددىي، رەڭسىز بولۇپ قېلىشى.
سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى سىزنىڭ كىم بىلەن بىرگە بولۇشىڭىز، بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان بىر جۈملە سۆز. «مېڭ ئانىنىڭ ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈشى» كىم بىلەن بىرگە بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۈركۈت توخۇ كاتىكىدە چوڭ بولسا ھەتتا ئۇچۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ، كۆكتە پەرۋاز قىلىشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ بۆرە قوي توپى ئارىسىدا چوڭ بولسا قوينى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، بۆرىلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتسا، قانداقمۇ كەڭ زېمىندا ھۆكۈم سۈرەلىسۇن؟

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1529321053198&di=

ئەسلىدە ناھايىتى مۇنەۋۋەر سىز ئەتراپتىكى پاسسىپ ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەش بېسىمىڭىز ئاجىزلاپ، ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يوقىتىپ، ئاددىي، ھەتتا چاكىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «نۇرغۇن كىشىلەر تېخى ئورۇنلىنىپ بولالمىغان مۇزىكىسى بىلەن قەبرىگە كىرىدۇ.»
ئەگەر سىز بۈركۈتكە ئوخشاش كۆكتە پەرۋاز قىلىشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم بۈركۈت بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇشنى ئۆگىنىشىڭىز، ھەرگىزمۇ سۈندۈك بىلەن بىرگە بولماسلىقىڭىز كېرەك؛ ئەگەر سىز بۆرىگە ئوخشاش زېمىننى بويسۇندۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۆرە توپى بىلەن بىرگە كۈرەش قىلىشىڭىز، ھەرگىزمۇ بۇغا بىلەن بىرگە بولماسلىقىڭىز كېرەك.

u=376607766,1921990745&fm=27&gp=0.jpg

ئەگەر سىز ئەقىللىق ئادەم بولۇشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم ئەقىللىق كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغاندا تېخىمۇ پاراسەتلىك بولسىز؛ ئەگەر مۇنەۋۋەر ئادەم بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مۇنەۋۋەر كىشىلەر بىلەن بىرگە بولسىڭىز ئاندىن باشقىلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنەلەيسىز.
كونىلار ناھايىتى توغرا ئېيتقان: «ئادەم خىلى بىلەن، مال تۈرى بىلەن.» دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى تۈپەيلى، بىر ياتاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاسپىرانتلىققا ئۆتىدىغان، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

timg?image&quality=80&size=b9999_10000&sec=1529321279081&di=

ياخشى كىتاب ئوقۇش ۋە ئېسىل ئادەم بىلەن ئارىلىشىش ھاياتلىقتىكى ئىككى چوڭ بەختلىك ئىشتۇر. بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. دوستلىرى قانچە ئېسىل بولسا، ئۇنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، كەسپىي ھاياتىغا زور ياردىمى تېگىدۇ. دوست ھاياتىڭىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق. دوستىڭىزنىڭ ئۆز ئارا ياردىمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بولغاندىلا بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيسىز. ھاياتلىقنىڭ سىرى باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەش. تۇرمۇشتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش باشقىلارغا ئەتىرگۈل سۇنغاندا مېزىلىك پۇراقنىڭ قولىدا قېلىشى.
ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق، ئەقىللىق ئادەم بىلەن بىرگە بولماقچى بولسىڭىز، ئەقىللىق بولۇشىڭىز كېرەك؛ ياراملىق ئادەم بىلەن بىرگە بولماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز قالتىس بولۇشىڭىز كېرەك.

123.jpg

قانداق ئادەم بىلەن بىرگە بولسىڭىز شۇنداق ھاياتلىققا ئېرىشىسىز. مۇھەببەتتە شۇنداق، نىكاھتا ھەم شۇنداق، ئائىلىدە شۇنداق، كەسىپتىمۇ ھەم شۇنداق.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg