ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بۇ 8 خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە يېقىنلاشتۇرماسلىق لازىم
ۋاقتى : 2017-11-14 23:16:23  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا «تەنھەرىكەت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق» دېگەن ئۇقۇم بار. لېكىن ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىق ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تەنھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. ئەگەر بالىلار بەزى بىر تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە بالدۇر يېقىنلىشىپ ۋە تەنھەرىكەت بېسىمى بالىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتسە ئۇلارغا ئويلاپ باقمىغان زەخمە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرى 10 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى 8 تۈرلۈك تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە يېقىنلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش لازىم.

1. قول قايرىش 4 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

4 ياشلىق بالىلارنىڭ سۆڭەك، بوغۇم خالتىسى قول قايرىش دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلمىغان، بالىلار داۋاملىق قول قايرىش ھەرىكىتى قىلسا قول شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن ۋاقىت بىرلا تەرەپتىكى قولى بىلەن قول قايرىش ئويۇنى ئوينىسا ئىككى قولىنىڭ تەڭپۇڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 4 ياشتىن كىچىك بالىلار بىلەن قول قايرىش ئويۇنى ئوينىغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا يېڭىلىپ بېرىڭ.

2. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش 6 ياشتىن كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بوغۇملارغا بولغان زەربىسى چوڭ بولۇپلا قالماي يەنە يۈرەك بېسىمىنىمۇ يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. قاتتىق تاشيوللارنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇنغا يۈگۈرسە بەدەنگە پايدىسىز. بالىلار بالدۇرلا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارسا ئاسانلا سۆڭەك ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوينىڭ ئۆسۈشىگە ۋە يۈرەك ئۆپكىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىراز تۆۋەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يازدا يۈگۈرۈشتىن تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىڭىزنى يۈگۈرتۈپ مەشىق قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، بىر قېتىمدا ئەڭ ياخشىسى 1000 مېتىردىن ئوشۇق يۈگۈرتمەڭ.

3. باغچىدىكى ئاممىۋى چېنىقىش ئەسۋابلىرى 6 ياشتىن كىچىك بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

ھازىر نۇرغۇن مەھەللىلەرگە چوڭلار ئۈچۈن ئاممىۋى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان، لېكىن بىز داۋاملىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى شۇ ئۈسكۈنىلەردە ئوينىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىرى بار، ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلەتمىگەندە بالىلارغا زەخمە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن 6 ياشتىن كىچىك بالىلار ئەڭ ياخشىسى مەھەللە ۋە باغچىلاردىكى ئاممىۋى چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇلار ئىلەڭگۈچ، سىيرىلغۇچ قاتارلىقلارنى ئويناشقا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

4. سوقۇلما ماشىنا 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كەلمەيدۇ

خەۋەر قىلىنىشىچە، مەلۇم بىر ئانا 5 ياشلىق قىزنى باغچىغا ئېلىپ بېرىپ سوقۇلما ماشىنا ئوينىغان. بىر قېتىملىق قاتتىق سوقۇلۇش سەۋەبىدىن بالىنىڭ ئۇدۇل چىشى چۈشۈپ كەتكەن.

يەنە بىر خەۋەردە مەلۇم قىلىشىچە، بىر دادا 6 ياشلىق قىزنى ئېلىپ سوقۇلما ماشىنا ئوينىغان ۋە سول قولنى ئاغرىتىۋالغان، كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ سول قول سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

سوقۇش ماشىنىنىڭ سىلكىنىش كۈچى چوڭ، 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مۇسكۇل، سىڭىر پەي ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرى ناھايىتى ئاجىز، قاتتىق ئۇرۇش ۋە سىلكىنىشلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

5. سىيرىلما تاختا 8 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس كەلمەيدۇ

سىيرىلما تاختا بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەمەلىيەتتە، سىيرىلما تاختا ئوينىغاندا پۇت تەرەپ كۆپ مىقداردا كۈچ تەلەپ قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇسكۇللىرى ھەددىدىن زىيادە تەرەققىي قىلىپ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەل ۋە تىزلىرىغىمۇ زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.

6. ئارغامچا تارتىش 7 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

داۋاملىق ئارغامچا تارتىپ ئوينىغاندا بالىلارنىڭ ئالقان تېرىسى، ئېغىر بولغاندا يۇمشاق توقۇلمىلىرى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئارغامچىنى تارتقاندا نەپەس چىقارماي كۈچەپ ئاخىرىدا تۇيۇقسىز يوغان نەپەس ئالسا ۋېنا قېنى ئېقىشىنىڭ يۈرەككە تەسىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالىلارنىڭ يېتىلىۋاتقان يۈرىكىگە مەلۇم دەرىجىدە زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار 7 ياشتىن كېيىن ئاندىن ئارغامچا تارتىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

7. پاقىچىلاپ سەكرەش ئويۇنى 6 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

پاقىچىلاپ سەكرەپ ئوينىغاندا ئادەم بەدىنى مەركىزى بەرداشلىق بېرىدىغان ئېغىرلىق ئۈچ ھەسسە يۇقىرىلايدۇ، ھەر قېتىم سەكرىگەندە تىز سۆڭىكى ئۇچرىغان زەربە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىچىلىك بولىدۇ. بالىلار داۋاملىق بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىغاندا سىڭىر پەي ۋە تىز بوغۇمى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

8. كۈچ مەشىقى 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ

بالىلار يېتىلگەندە ئاۋۋال سۆڭىكى، ئاندىن مۇسكۇللىرى يېتىدۇ. بالدۇر كۈچ مەشىقى قىلغاندا بالىلارنىڭ قىسمەن مۇسكۇللىرى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولۇپ قېتىپ كېتىدۇ ۋە نورمال ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يۇقىرىلىتىپ، ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قول بىلەن بەدەن كۆتۈرۈش، يەر بېغىرلاش، قورساق قاتلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مۇسكۇللار تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى چەككە يەتكەندە ئاندىن ئىشلىسە بولىدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg